تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى›› قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى››دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش نىشان قىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى تولۇق تەرتىپ بويىچە، ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ ئىسلاھات قىلىنىپ، تىرىشىپ ئىلمىي، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى››دە ئومۇمىي تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسى ئىخچاملىنىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. جايلار، تارماقلار بىناكارلىق – قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش›› ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئۈنۈم نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشقا كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، مەسئۇل تارماقلار ۋە خادىملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ