تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ـــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇلتۇردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىڭتۈەن پارتكومى ئىسلاھاتتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىسلاھاتنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا داۋاملىق كۈچەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى ــــ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ زورىيىشى ــــ شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ــــ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقى ــــ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات داۋامىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. خىزمەت تەرتىپى ئېنىق بولغانلىرىغا قارىتا، زىچ ئالاقىلىشىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش؛ ئالاقىدار ھۆججەت لايىھە تۈزۈپ يولغا قويۇش زۆرۈر بولغانلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، يولغا قويۇشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇش؛ يولغا قويۇلغانلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇش جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پەيدىنپەي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇقىملىقنى قوغداش، كادىر ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹ھۆكۈمەت››لىك فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاش؛ بىڭتۈەننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا قاتنىشىش مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹ئارمىيە››لىك خاسلىقىنى نامايان قىلىشىنى قوللاپ، ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچ››لۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ بىڭتۈەننىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹كارخانا››لىق بازار سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ليۇ جيەنشىن، لى شىنمىڭ، لى جىدۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ