ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى جىڭخەي، ئېرلان خەۋىرى، فوتوسى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرى يارداڭ يەر شەكلى مەنزىرە رايونىدىكى شامالدا يىمىرىلىشتىن شەكىللەنگەن يەر شەكلى ھەر خىل تۈستە بولۇپ، تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
توقسۇن ناھىيەسى يارداڭ يەر شەكلى توپى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى كۆجەي بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 28 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردىكى يارداڭ يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 0.6 كىلومېتىر بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق تۆپىلىكتىن تەركىپ تاپقان. باشقا جايدىكى يارداڭ يەر شەكلىگە سېلىشتۇرغاندا، توقسۇندىكى يارداڭ يەر شەكلىنىڭ تارقىلىشى زىچ، شەكلى غەلىتە بولۇپ، چەكسىز سېھرىي كۈچكە ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.