تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى كەسپى سىستېمىسىنىڭ «قوش ئۆلچەمنى ئىزچىللاشتۇرۇش»، يەنى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنىڭ ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ئۆلچىمى، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى بانكا راسچوت سانلىق مەلۇمات قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلاش ئۆلچىمى خىزمىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى كەسپى سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قاراماي، ئالتاي، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى تور تىجارەت زالى، يان تېلېفون ئەپ دېتالى، ئۈندىدار قاتارلىق ئاساسلىق مۇلازىمەت يوللىرىنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن مۇلازىمەت كىرىش ئېغىزىنى ئىشقا ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق توردا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل تاپشۇرۇش ۋە پۇل ئېلىش قاتارلىق بىر قىسىم كونكرېت كەسپلەر ۋە ھالقىلارنى ئۆزئارا بىرىكتۈرگەن. بۇ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلغانلىقى شىنجاڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى كەسپى سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئۆلچەملىشىش، قېلىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كەڭ كۆلەمدە مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشىنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ