تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى37 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 37 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتىغا قارىتىش ۋە سىياسەتنى كېڭەيتىش ئىسلاھات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن يۆنىلىشتە بىردەك بولۇشى، نىشاندا بىردەك بولۇشى، قەدەمدە بىردەك بولۇشىنى باشتىن – ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش، پىكىر بايان قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قاراپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتىغا قارىتىش ۋە سىياسەتنى كېڭەيتىش، ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى – تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق خامچوت تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش كادىرلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش – رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ