مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى. 2018-يىللىق قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى ياكى زىچلاشتۇردى.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى-قاراماي-خوتەن، ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-بوئاۋ، ئۈرۈمچى-خېفېي-ۋېنجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-غۇلجا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش، «بوشلۇق يىپەك يولى» ئاۋىياتسىيە تورىنى زىچ توقۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئاچتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى-باڭكوك قاتارلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى، خوتەن-ئۈرۈمچى-شىئەن، غۇلجا-ئۈرۈمچى-خاڭجوۋ، ئاقسۇ-ئۈرۈمچى-شاڭخەي پۇدۇڭ، ئۈرۈمچى-گۈيياڭ-خەيكوۋ قاتارلىق مەملىكەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ-لەنجوۋ-ئاقسۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ۋە ۋۇخەن-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچىدۇ.