تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لى پېڭشىن مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 27–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىكى دۆلىتىمىز ئاياللىرىنىڭ بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. شىنجاڭدىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، چوقۇم ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك بۇرچ ئېڭى بىلەن ئىدىيەنى مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال چارە–تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، ئاياللار خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىش كېرەك. ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا دىققەت قىلىدىغان، شىنجاڭنى قوللايدىغان قىلىش كېرەك. قۇرۇلتايدىن كېيىن باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا قۇرۇلتاي روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، مەدىتىنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت ئاياللار ئاممىسىغا يەتكۈزۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قۇرۇلتاي ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

  ‹‹مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىش ۋە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 12–نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 37 نەپەر رەسمىي ۋەكىل سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. ۋەكىللەر ئارىسىدا مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئايال خىزمەتچىلەر ۋەكىلى 11 نەپەر بولۇپ، %29.7نى ئىگىلىدى؛ ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردىكى ئەمگەكچى ئاياللار ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئاياللار مۇنەۋۋەر ۋەكىلى 26 نەپەر بولۇپ، %70.3نى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل 22 نەپەر بولۇپ، %59.5نى ئىگىلىدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى 33 نەپەر بولۇپ، %89.2نى ئىگىلىدى؛ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ۋەكىل 34 نەپەر بولۇپ، %91.9نى ئىگىلىدى. ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 45.6 ياش، ئەڭ چوڭى 67 ياش، ئەڭ كىچىكى 23 ياش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ