ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈريولى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 5000 توننا تېتىتقۇ قاچىلانغان پويىز ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ليەنيۈنگاڭ ۋوگزالىغا يۈرۈپ كەتتى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈريولى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.
بۇ يىل، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى يول تورى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەپ، 24 چوڭ خېرىدار بىلەن 91 مىليون توننا يۈك توشۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى؛ تۇنجى قېتىم 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى قاتنىتىپ ھەم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 5000 توننىلىق يۈك پويىزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتنىتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى، كورلا، شىخەنزە، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋوگزال مەيدانى لىنىيەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۇل ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرگە بولغان ئىقتىدار كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، 19 ئەشيا ئوبوروت بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈك توشۇش ئەسلىھەسىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش تۈرىنى پىلانلاپ، يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى شۆ چېڭشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرانسپورت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 2017-يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 97 مىليون 374 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.1 ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈريولى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. بۈگۈن، يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 125 مىليون توننىلىق يىللىق يۈك توشۇش نىشانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
«تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى بارومېتىر» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى رايون ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئورۇن باشلىقى يەن خەيلۇڭ، تۆمۈريول يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ 100 مىليون توننىدىن ئېشىشى، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل تارقىتىلىشى ئاستىدا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىدەك تەرەققىيات ھالىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.