خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر خۇشال ھالدا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار تەييارلىغان ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلماقتا.
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 18:00 لەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تەشكىللىگەن «دۆلەت ئىچى ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە جېڭجوۋ ۋوگزالى قار-مۇز ساياھىتى تۇنجى مەخسۇس پويىزى» نى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى فېڭ: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، بەك ھاياجانلاندىم، چۈشتىن بۇرۇن بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن، مېنىڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرىكى بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيى كورلىدا ئىدى، شىنجاڭلىقلار ماڭا قىزغىن، مېھماندوست تەسىر قالدۇردى» دېدى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە 500 يولۇچى ئولتۇرغان خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدىن يولغا چىققان ساياھەتچىلەر مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ئاستا-ئاستا كىردى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ساياھەت تەشۋىقاتى-تونۇشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىنكى خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا تۇنجى قاتنىغان قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى جېڭجوۋ-شىئەن-تەييۈەن، ياڭجوۋ-سۇجوۋ-نىڭبو، فۇجوۋ-شيامېن-ۋېنجوۋدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەدە قانات يايدۇرۇلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش تارماقلىرى شەھەر ساياھىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپلا قالماي، يولۇچىلار مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇپ، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ساياھەت كەسپىنى قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلدۇردى.