10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۆرگەزمىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تەقلىدىي ھەيدەشنى سىناپ كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو (گۇاڭدۇڭ) خەلقئارا «ئالاقە تورى+» كۆرگەزمىسى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فۇشەن شەھىرىنىڭ شۇندې رايونىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «ئالاقە تورى+» ئىلغار تېخنىكىسى، رەقەملىك سودا، رەقەملىك تۇرمۇش، يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ۋە ماشىنا ئادەمدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 650 نەچچە داڭلىق سانائەت، ئالاقە تورى كارخانىسىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىندى. (لۇ يې، ليۇ داۋېي، سادات، چېن لىچۈن فوتوسى)