تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشتى

  مۇخبىرىمىز  ما يىنىڭ

  بۇ يىل 9 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا›› تىزىملىكىگە گۇاڭخۇي گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كىردى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پۇقراۋى ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم جەڭگىۋار قوشۇن ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ‹‹يېڭى موتور›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ‹‹نەتىجە قەغىزى›› تاپشۇردى: كۆلىمى يەنىمۇ زورايدى، ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئاشتى، ‹‹سىرتقا چىقىش›› قەدىمى تېزلەشتى، جەمئىيەتتىن ئىشقا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى.

  پۇقراۋى ئىگىلىك ــــ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى جەڭگىۋار قوشۇن

  ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل، ئەشيا ئوبوروتى، ئۆي – زېمىن سودىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ بىللە ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تايىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ تىجارەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تىجارەت كىرىمى 88 مىليارد 564 مىليون يۈەنگە، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 187 مىليون يۈەنگە، ساپ پايدىسى 3 مىليارد 42 مىليون يۈەنگە يەتتى، ساپ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.88 ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياسىمىچىلىق بىلەن ياسىمىچىلىق مۇلازىمەت كەسپىنى قوش چاقلىق قوزغىتىشتەك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، زور بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى؛ دۇنيا ئېنېرگىيە تېجەش، توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن بىر قاتار قۇرۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان، دۇنيا بويىچە تۇنجى يۈرۈش توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتورىنىڭ دۇنياۋى ئىجادكارلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى. نوپۇزلۇق ئاپپارات IHS نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2015 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولتنىڭ تورغا ئۇلانغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئۇدا ئۈچ يىل پۈتۈن دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان.

  2018 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 72 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، شىنجاڭدا جەمئىي تاپشۇرغان باج سوممىسى 7 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

  شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندى.

  2017 – يىلى، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى 350 مىليارد يۈەن قوشۇلما قىممەت يارىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ GDP سىنىڭ %32 ىنى ئىگىلىدى، 112 مىليارد 900 مىليون يۈەن باج تاپشۇردى، 3 مىليون 760 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %58 ى ۋە %81 ىنى ئىگىلەپ، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم مەنبەگە، مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم موتورغا، ئىشقا قوبۇل قىلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاساسلىق يولغا ئايلاندى.

  پۇقراۋى كارخانىلار شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىشى››دىكى باشلامچىغا ئايلاندى

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىشى››دىكى باشلامچىلارغا ۋە ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى.

   ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خۇالىڭ گۇرۇھى، سەنباۋ گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال ئاچتى، سانائەت رايونى قۇرۇش، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش قاتارلىقلار شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى خۇاڭ خەنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1997 – يىلى سىرتقا چىقىشقا باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، بىز 70 نەچچە دۆلەتنى ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق، چەت ئەلدە 100گە يېقىن ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلدۇق، چەت ئەللىك خادىملار ۋە چەت ئەلدە دائىم تۇرۇشلۇق خادىملار 1000دىن ئاشىدۇ. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەل بازارلىرىدا جەمئىي ئىمزالىغان تۈر سوممىسى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، 30 نەچچە دۆلەتنى قاپلىدى.

  جىنفېڭ پەن – تېخنىكىسى كەسپىنى پاكىستان، تايلاند، تۈركىيە، رۇمىنىيە، ئېفىيوپىيە قاتارلىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيە بويىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتكە ئۇزارتتى. ھازىرغىچە، پاكىستاندا پۈتتۈرگەن تۈرى بەشكە يېتىپ، پاكىستاننىڭ پۈتۈن مەملىكەت شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، شۇ جاينىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە تۆھپە قوشتى.

  ھازىر، گىرۇزىيەنىڭ ‹‹خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى››، ‹‹خۇالىڭ باسسېس بانكىسى››، ‹‹خۇالىڭ ئەركىن سانائەت رايونى›› قاتارلىق تۈرلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رىتىمىغا ماسلىشىپ، خۇالىڭ گۇرۇھى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

  سىياسەتنىڭ ياخشىلىنىشى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈشىگە ئىلھام بولدى

  10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، ئۈرۈمچى گۇچۇڭ يولى ئېغىزىدا، بالىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان، 760 سودىگەر توپلانغان مال سېتىۋېلىش مەخسۇس رايونى خىزمەت بىناسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

  دېخۇي گۇرۇھىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ جيەن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھازىر، دېخۇي گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا دېخۇي باۋبېي مەيدانى، سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپى، كەسىپ يېڭى شەھەرچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسى ھەم خوجىلىق، ئامباردا ساقلاش، پۇل مۇئامىلە، تور سودىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بار. 2017 – يىلىدىكى سودا سوممىسى 18 مىليارد يۈەن بولدى، 30 نەچچە مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ يىل 6 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىگە يەنىمۇ ئىلھام بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە تىجارەت، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە ئائىت قۇرۇلۇش قىلىشقا يوللانغان تەستىق ئىشلىرىنى رەتلەپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تەستىق تۈرلىرىدىن 23 نى ئازايتتى، ئېلېكتىر تورى ھالقىسىدىكى ھەق ۋە توك يەتكۈزۈش – تەقسىملەش باھاسىنى تۆۋەنلەتتى، ئادەتتىكى سودا – سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن %10 تۆۋەنلەتتى. يول تىرانسپورت تەننەرخىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تۆۋەنلىتىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك %30 تۆۋەنلىتىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلان قىلىپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى تۆمۈريولدا توشۇش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

  سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىدىكى ئىجادچانلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى.

   بۇ يىل 4 – ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانا گۇرۇھى مالىيە شىركىتى ــــ شىنجاڭ جىنفېڭ پەن – تېخنىكا گۇرۇھى مالىيە چەكلىك شىركىتى جۇڭگو بانكا – سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى؛ 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى مالىيە چەكلىك شىركىتى يەنە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت رامكا سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى قوللاش، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ