ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يېيىشكە بولمايدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا ئېيتىشلار ناھايىتى كۆپ. دولانامۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، دولانانىڭ قاننى جانلاندۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ قاراش توغرىمۇ ؟
جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانا جۇڭيىچە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ۋىراچى شى چيەن مۇنداق دېدى: دولانانىڭ ھەقىقەتەن قاننى جانلاندۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇش رولى بولسىمۇ، ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ داۋالايدىغىنى ئۇيۇپ قالغان قان، شۇڭا ھامىلىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. جۇڭيىدا دولانا تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئۇيۇپ قېلىش، ئادەت مەسىلىلىرىگە داۋا دەپ قارىلىدۇ، ئۇ يەنە ئۈچەيدە ئۇيۇپ قالغان قانلارنى تازىلاپ، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، دولانانىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارى كۈز مېۋىلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز گىرام دولانادىكى كالىتسىي مىقدارى 52 مىللىگىرام كېلىدىكەن. ھامىلدارلارنىڭ كالىتسىيغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، تاماقتىن كېيىن ئازراق دولانا يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن. «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»دە ھامىلدارلارنىڭ دولانا يېيىشى چەكلەنمىسىمۇ، لېكىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىكى، دولانا كونسېرۋاسى، قورۇغان دولانا، دولانا مۇرابباسى قاتارلىقلارنى يېسە بىر قەدەر ياخشى بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
-خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى