چىش چوتكىلىغاندا چىشىڭىزدىن قان چىقسا، بۇ بەدىنىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. بۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى ئېھتىماللىق ــ قان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن بولسا، كۆپ ئېھتىماللىق چىش مىلىكى ياللۇغىدىن بولۇشى مۇمكىن. چىش مىلىكى ياللۇغى باشتا يېنىك دەرىجىدىكى چىش قاناشتىن باشلىنىدۇ، داۋالىمىسا چىش بوشاپ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىدۇ. چىش كېسەللىكى دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسىلى، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، بالىنىڭ ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سېمىزلىك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
چىش كېسەللىكلىرى بىلەن دىيابېت يېقىن «دوست»، نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرىدا چىش مىلىكى قىزىرىپ قان چىقىدىغان، چىشلىرى بوشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى. دىيابېت كېسىلى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چىش مىلىكى ياللۇغى دىيابېت كېسىلى ئەگەشمە كېسەللىرىنىڭ بىرىدۇر.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تەخمىنەن %70 ئادەمدە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى بار ئىكەن. چىشىمىزنى ئاسراش ئۈچۈن، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، تەركىبىدە فىتور بار بولغان چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشىمىز، ساغلام يېمەكلىك يېيىشىمىز، ئېغىز بوشلۇقىمىزنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشىمىز، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم چىشىمىزنى تەكشۈرتۈشىمىز، چىش ئاسراشنى كىچىك ۋاقىتتىن باشلىشىمىز، چىش چۈشۈپ كەتسە دەرھال تولۇقلىشىمىز كېرەك.
ــ خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى