مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 520 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 280 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 431 يۈەن... 11-ئايدا شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى پويىز بېلىتى باھاسىدىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى بېلەت سېتىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، باھا يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، 11-ئايدا ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىغا %50 تىن %80 كىچە ئېتىبار بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە بارىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 600-900 يۈەنگىچە، ھەتتا 200-500 يۈەنگىچە بولىدىكەن.
مەسىلەن، 11-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 520 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 740 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە تۆۋەنلەپ، 650 يۈەنگە چۈشىدىكەن.
11-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 280 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن شىنىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 309 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن تەييۈەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 450 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن يىنچۈەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 330 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 431 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.