نۇرغۇن كىشىلەر باھاسى قىممەت پايپاقتىن بىر جۈپ سېتىۋالغاندىن كۆرە، ئەرزان پايپاقتىن كۆپرەك سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پايپاق سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ. گەرچە پايپاق سېتىۋېلىش ۋە كىيىش قارىماققا ئادەتتىكىچە بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇمۇ تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا، ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئېلاستىكلىقىنى يوقاتقان پايپاق
پايپاق ئېلاستىكلىقىنى يوقاتقاندا، پۇت بىلەن بولغان سۈركىلىشى چوڭىيىپ، يول ماڭغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندا پۇتقا دەل كەلمەي، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر پۇت تەرلىسە پايپاق سىلىقلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇت قىسمىنىڭ ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تاپان ۋە پۇت بارمىقى قىسمى نېپىزلاپ كەتكەن پايپاق
سۈركىلىشكە چىداملىقلىقى ناچار پايپاقلارغا تۆۋەن دەرىجىلىك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەچكە، ئاسان تېشىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتنى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن.
پۇتنى چىڭ سىقىپ تۇرىدىغان پايپاق
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىنىڭ قان ئايلىنىشى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، پايپاق پۇتنىڭ ئۇشۇق تەرىپىنى چىڭ سىقىۋالغاندا، قان بېسىم ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى