شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شىخەيئەن يېڭى رايونى 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېگىز يەردىن سىيرىلىپ چۈشۈپ قۇتۇلۇشنى سىناپ كۆرمەكتە.
شەندۇڭ چىڭداۋ شىخەيئەن يېڭى رايونلۇق مائارىپ تەنتەربىيە ئىدارىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەتەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە بىخەتەرلىك ماھارىتى تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ مەيدانىدا مەركەزلىك سىناپ كۆرۈش تەربىيەسى ۋە پەن-تېخنىكا سارايلىرىغا كىرىپ سىناپ كۆرۈش تەربىيەسى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ باردى. ئوقۇغۇچىلار كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(ۋاڭ پېيكې فوتوسى)