تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

داشى كەنتى: شورلۇق زېمىندا يارىتىلغان ‹‹رىۋايەت››

  مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ

  ‹‹يانچۇقى توم، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش›› بۈگۈنكى داشىلىقلارنىڭ ئەينەن تەسۋىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ‹‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ››، ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن كەنت››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى››، ‹‹مەملىكەت بويىچە 4 – ماي قىزىلبايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى›› قاتارلىق 50 نەچچە شەرەپكە ئېرىشتى. 2015 – يىلى داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ مۈلكى 42 مىليون يۈەنگە، پۈتۈن كەنتنىڭ، بارلىق ئاھالىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك ساپ كىرىمى 35 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 27 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى. بۇ، 2016 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹ساۋۇر مەڭلىك: شان – شەرەپنى قەدىرلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن غەربىي رايوندىكى <خۇاشى كەنتى>نى قۇرۇپ چىقىمىز›› دېگەن خەۋەردىكى بىر بۆلەك تەسۋىر ئىدى.

  40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتى ئەزەلدىن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتىپ باقمىدى... نامراتلىقتىن كىيىنىش – تويۇنۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە بولغان ھالقىش، ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، چەت، يىراق جايغا جايلاشقان، ئۇچۇر ئالاقىسى قولايسىز داشى كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمالى گىرۋىكىدىكى بىر نامرات دېھقانچىلىق كەنتى ئىدى.

  ‹‹ئەينى چاغدىكى داشى كەنتىدە بىرمۇ ئورمان بەلبېغى، بىرمۇ سالا ئېتىز يوق ئىدى، تەبىئىي ئاپەت ئۈزۈلمەيتتى. ئاشلىق ئىستېمالىدا قايتىدىن سېتىۋېلىپ يېيىشكە، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز ئېلىشقا، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىناتتى›› دېدى داشى كەنتىدە 38 يىل پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولغان ساۋۇر مەڭلىك خۇرسىنغان ھالدا ئەينى چاغدىكى تارىخنى ئەسلەپ.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى تىيانشاننىڭ جەنۇب – شىمالىغا يېتىپ كەلدى. 1980 – يىلى 1 – ئايدا، يېڭىدىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان ساۋۇر تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن، ھەم نامرات، ھەم قالاق داشى كەنتىنى يېتەكلەپ، ئالدى بىلەن ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

  داشى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەينى چاغدىكى كەنت ئاھالىسى مەنىسىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ‹‹ئىسلاھات›› دېگەن سۆزدىن باشلاندى. ئىسلاھات كەنت ئاھالىلىرىگە ‹‹ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش››، ‹‹مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى›› قاتارلىق ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدى. دەل مۇشۇ ‹‹يېڭى سۆزلەر››نىڭ داشى كەنتىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا باشلىدى.

  1981 – يىلى، داشى كەنتى مول ھوسۇللۇق بىر يىلنى كۈتۈۋالدى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1980 – يىلىدىكىدىن ئىككى قاتلىنىپ، داشى كەنتىنىڭ 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئاشلىقنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ يېيىش تارىخىغا بىراقلا خاتىمە بېرىلدى.

  ساۋۇر پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ زىرائەتنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، كەنت ئاھالىسىنىڭ پەن – تېخنىكا ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا، يېڭى قاراش ئۆگەتتى.

  1995 – يىلى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى زورايدى›› دېگەن تەپسىلىي خەۋەردە مۇنداق يېزىلغانىدى: ‹‹بۇ نەچچە يىلدا، داشى كەنتى ناھىيە بويىچە تۇنجى بولۇپ كېۋەزنى سولياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋە زىرائەتلەردىكى ئوت – چۆپلەرنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا يوقىتىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇپ، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى 1985 – يىلىدىن ئىلگىرىكى 20 كىلوگىرام ئەتراپىدىن 130 كىلوگىرامغا ئۆستۈردى، كەنت ئاھالىلىرى پەن – تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى ھوسۇلنى كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى بەس – بەستە كۆپەيتتى. ئۇلار پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى پىششىق ئۆگەندى››.

  20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا، دۆلەت يېزا – بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بەردى. ئويلاشقىمۇ، قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالايدىغان ساۋۇر كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، كەنت كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. 1990 – يىلىدىن 1992 – يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا، داشى كەنتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بەش كارخانا قۇرۇپ، داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

  2000 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹داشى كەنتىدىكىلەر مەدەنىيلىكنى قەدىرلىدى ـــــ 1999 – يىلى <مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت – بازار بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن> شەرىپىگە ئېرىشتى›› دېگەن ماقالىدە مۇنداق يېزىلغانىدى: ‹‹كۆپ يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، بۈگۈنكى كۈندە، كەنت كوللېكتىپىنىڭ خىش زاۋۇتى، 250 مو پارنىكى، 1100 مو كەنت دېھقانچىلىق مەيدانى، 650 تۇياق مال – چارۋىسى، يەتتە سۇ چىقىرىش پونكىتى، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بار بولدى، كوللېكتىپنىڭ مۇقىم مۈلكى 4 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يەتتى››.

  كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى زورىيىپ، پۇقرالار ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. 1991 – يىلىدىن باشلاپ، داشى كەنتى مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان 18 تۈرلۈك كەنت ئاھالىسگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تۈزدى. 1995 – يىلى داشى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2250 يۈەنگە يېتىپ، شۇ چاغدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

  1999 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە، ساۋۇر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرى خۇاشى بازىرىنىڭ خۇاشى كەنتىگە ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيەگە باردى. بارغان قېتىم سانى كۆپەيگەنسېرى، ساۋۇر داشى كەنتى بىلەن خۇاشى كەنتى ئارىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدى.

  2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹داشى كەنتى خۇاشى كەنتىنى ئەينەك قىلدى›› دېگەن ماقالىدە مۇنداق يېزىلغانىدى: ‹‹خۇاشى كەنتىگە سېلىشتۇرۇپ، ساۋۇر داشى كەنتىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بارلىقىنى روشەن ھېس قىلدى››.

    ئېكسكۇرسىيەدىن قايتىپ كەلگەن ساۋۇر كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، داشى كەنتىنىڭ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىغا ئۆزگەرتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى 2 –، 3 – كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بېيىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

  2014 – يىلى، داشى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، داشى كەنتى خۇاشى كەنتى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹<جاھاندىكى 1 – كەنت> بىلەن <جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 – كەنت> رايون ھالقىپ كۆپ ساھە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى›› ماۋزۇلۇق خەۋەردە: ‹‹كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى <جاھاندىكى 1 – كەنت> خۇاشى كەنتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن <جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 – كەنت> داشى كەنتى بىلەن رايون ھالقىغان، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە كۆپ ساھە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ›› دېيىلدى.

  داشى كەنتى باسقان ھەر بىر قەدەم سالماق ۋە پۇختا بولدى! 2016 – يىلى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹داشى كەنتى: جەۋلان قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقى›› ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ساۋۇر مۇنداق دېدى: <ئىككى ئەۋلاد باش شۇجى داشى كەنتىدىكىلەرگە ئۈچ قېتىم جاۋاب خەت يازدى، شەرەپ ئاسان قولغا كەلمىگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ داشى كەنتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىز بۇ شەرەپنى قەدىرلىشىمىز، داشى كەنتىنىڭ ئىلغار تىپلىق، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىمىز، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، چارە ئويلاپ، تەپەككۇر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى باشلامچى قىلىپ، داشى كەنتىنىڭ جەمئىيەت ئىناق، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئەبەدىي ئەمىن بولغان ۋەزىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مەۋقە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 – كەنت، غەربىي رايوندىكى خۇاشى كەنتىنى بەرپا قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز>››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ