تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەتلەر تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭدا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

  چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش باش تېما قىلىنىپ، دىققەت چوڭ ئىشلار، مۇھىم ئىشلار، خۇشال ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كۆپ نۇقتىدىن، ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىسى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئىكەنلىكى نامايان قىلىنىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى سىياسىي جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنىدۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىكەنلىكى نامايان قىلىنىدۇ.

  چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى بىلەن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، تارىخىي چوڭقۇر قاتلاملىق تۇيغۇ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى تۇيغۇسى ۋە يېڭى – كونىنى سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسى كۈچەپ ئىپادىلىنىدۇ، تارىخنىڭ ئۇزاقلىقى، مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ھېسسىياتنىڭ ئىللىقلىقى كۈچەپ ئاشۇرۇلۇپ، كۆرگەزمىنىڭ چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىكىنى بەدىئىي جەھەتتىن مۇكەممەل ئىپادىلەش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىلىدۇ.

  چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە جەمئىي ئالتە باش تېما مەزمۇنىدىكى كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە لايىھەلىنىپ، ئىلگىرى – كېيىنلىكنى سېلىشتۇرۇش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ، توغرا يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرۇش زور كۈچ بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تارىخىي سۈرەتلەر، يېزىقلىق سىن فىلىم، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرۈنۈشى، قۇم مودېل ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ۋە ئامىللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك نامايان قىلىنىدۇ.

   چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە يېقىندا دۆلەت مۇزېيىدا رەسمىي باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى