تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 38 مىليون 920 مىڭ 500 ئادەم(قېتىم)گە يەتتى

سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 865 مىڭ 900 ئادەم ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرغان. 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 38 مىليون 920 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 865 مىڭ 900 ئادەم ئاشقان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىدىكىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى، 60 ياشتىن ئاشقان شەھەر–يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىلىنىشى بويىچە تاللاپ ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنىقلاپ، كەم قالغانلارنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلاردىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يېڭىدىن قاتنىشىپ ھەق تۆلىگەنلەر 89 مىڭ 900 ئادەمگە يەتتى، شۇنداقلا شەھەر–يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان 48 مىڭ ئادەم كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاھالىنى ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىكى چوقۇم سۇغۇرتىلىنىدىغانلار توپىغا كىرگۈزدى، 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات ئاھالىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95.5 كە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئېغىر نامرات ئاھالىلەرنىڭ شەھەر–يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.99 كە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېي گاڭ مۇنداق دېدى: بىز خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى بويىچە ‹‹بىرلا ئورۇن››دا راسچوت قىلىشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردۇق، نۆۋەتتە قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق ئون غەملىگۈچى رايوننىڭ ‹‹بىرلا ئورۇن››دا راسچوت قىلىش سىستېمىسى تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلدى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بولۇشى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدىغان بولۇشى، تېخىمۇ قولاي بولۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى. بىر تەرەپتىن، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى بىرىكتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسەتلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى، تورنى راۋانلاشتۇرۇشى، بېجىرىشنى ئۆزئارا تەكشۈرۈشى، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردى. 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىدا ئەنگە ئېلىنغانلار 84 مىڭ 100 ئادەمگە؛ باشقا ئۆلكىلەردىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەنگە ئالدۇرغانلار 36 مىڭ 800 ئادەمگە يەتتى؛ ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلغانلار 20 مىڭ 100 ئادەم(قېتىم)گە، خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 398 مىليون يۈەنگە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمى 272 مىليون يۈەنگە يېتىپ، باشقا جايدا داۋالانغان تېخىمۇ كۆپ كېسەل ‹‹ئاز قاتراش›› قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ