شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئاۋات تىجارەت مەزگىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاياغلاشتى، 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە قىش پەسلىلىك تىجارەت مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاناس ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ قاناس ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قاناس مەنزىرە رايونى قىش پەسلىدە تاقالمايدىغان بولۇپ، نورمال تىجارەت قىلىدىكەن. ساياھەتچىلەر قاناسنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز پەسلى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، پات ئارىدا گۈزەل قار مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدىكەن.
قاناس مەنزىرە رايونىدا قىشتا نورمال تىجارەت قىلىنىدۇ
مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/10/19 15:41
ماتېرىيال سۈرەت: قاناسنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.