جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كۈز پەسلىدە شىنجاڭ غەربىي سېبىرىيەدىن كىرگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃10 ئەتراپىدا چۈشۈپ، نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ ئۈرۈمچى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدە ياغىدىغان ھۆل-يىغىن مىقدارى 18~25 مىللىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقى جەنۇبى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىدە ھۆل-يىغىن مىقدارى 25~35 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە يامغۇر ئەڭ قاتتىق ياغىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى باش مەلۇماتچى دوۋ شىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ئۆزگىرىش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ شىمالى، شەرقىدىكى شامال ئېغىزىدا 8-9 بالغىچە بوران چىقىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىدىن تۇرپان 30 چاقىرىملىق شامال ئېغىزىغىچە، تۇرپان بىلەن قۇمۇل ئارىسىدىكى يۈز چاقىرىملىق شامال ئېغىزىدا 10-11 بالغىچە بوران چىقىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃8-℃10 غىچە چۈشىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا چۈشۈپ، تارىم ئويمانلىقىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىمۇ يېنىك دەرىجىدە قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن.
بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، كېيىن قاتتىق قارغا ئايلىنىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر رايونى، نەنسەندىكى تاغلىق رايونلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃ 10-℃8 قىچە چۈشىدىكەن؛ شەھەر رايونىدا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 5-8 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن.