تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان جۇڭگو تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى

  شياۋ ۋۇ

  تېررورىزم زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان، شەخس ۋە مال – مۈلۈككە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان ياكى دۆلەت ئورگىنى، خەلقئارا تەشكىلاتقا تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەشەببۇس ۋە قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى، تىنچلىق ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى – تەرۇز قىلىدۇ. تېررورىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇ، جىنايەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ تۆۋەن چېكىنى بۆسىدىغان، زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان ئېغىر جىنايەت.

  بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتلىرى كۆپ يۈز بەردى، بىر قىسىم رايونلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەشنىڭ تولغاق مەزگىلىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېررورىزم دۆلەت خەۋپسىزلىكى، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلىتىمىز قانۇنچىللىق ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن تۇرغۇزۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى ئورناتتى.

  1997 – يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ‹‹تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى›› بەلگىلەندى. 2001 – يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(3)دە 1997 – يىلىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ‹‹تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى›› قوشۇلدى ھەم تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتىگە بولغان قانۇنىي جازا ئۆستۈرۈلدى. 2011 – يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(8)دە تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەت شايكىسىنىڭ باش ئۇنسۇرىغا جازا كېچىكتۈرۈشنى قوللانماسلىق بەلگىلەندى، پەۋقۇلئاددە تەكرار جىنايەتچى تۈزۈمى كۆپەيتىلدى ھەم تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتچىلىرىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، ئۇلارنى كېپىلگە قويۇپ بېرىشكە قارىتا چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمە چىقىرىلدى. 2012 – يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى دېلولىرىنىڭ دەۋا تەرتىپىگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››دا، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم جىددىي ئېھتىياجلىق قانۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ چىقىرىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىش تەلەپ قىلىندى. 2015 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ماقۇللىدى. 2015 – يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(9)دە تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە مۇھىم، زور تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتىنىڭ مال – مۈلۈك جازاسى كۆپەيتىلدى، بىر قىسىم تېررورلۇققا ئالاقىدار قىلمىشلار جىنايى ئىشلار قانۇنى قائىدىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، قانۇنىي مەنپەئەتنى قوغداشنى ئالدىغا سۈرۈش ۋە تېررورلۇق جىنايىتىنى جازالاشنى چىڭىتىش ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى. 2015 – يىلى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى، ۋاسىتىسى ۋە تەدبىرىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. 2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ماقۇللىدى. 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چېگرا سىرتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، دۆلەت ئاخبارات قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى ئورناتتى. جايلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە ماس يولغا قويۇش نىزامى ۋە چارىسىنى تۈزدى. دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى:

  بىرىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇقىدا چىڭ تۇرۇلدى. تېررورلۇق جىنايەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالماي، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى، تېررورىزمغا زەربە بېرىش كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپلا قالماي، يەنە تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىنىڭ ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ 7 – ماددىسىدا: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ 6 – ماددىسىدا: تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى سەۋەب قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؛ 61 – ماددىسىدا: تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالدى بىلەن تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە، تەھدىتىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن؛ 15 – ماددىسىدا: بېكىتىلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلاردىن بېكىتمىگە قايىل بولمىغانلىرى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئىككىنچى، ئالدىنى ئېلىش بىلەن زەربە بېرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. تېررورلۇق جىنايى قىلمىشى سادىر قىلىنسا، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زور زىيان پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سۇ كەلگۈچە تۇغان سېلىش كېرەك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئاساسلىقى جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى جازاغا تايىنىپ قالماي، بەلكى جىنايەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىدا تېررورىزمغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ‹‹زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش›› پىرىنسىپى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، تېررورىزمغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشكە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپلا قالماي، يەنە تېررورلۇققا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قارشى تۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلگەن. دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش ئېنىق تەكىتلىنىپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن سىگنال بېرىش بەلگىلەنگەن، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن ھەم مەخسۇس باب، 26 ماددا ئارقىلىق تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خەتىرىدىن ساقلىنىش تەپسىلىي بەلگىلەنگەن.

  ئۈچىنچى، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلدى. دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىدا تېررورىزمغا تاقابىل تۇرغاندا، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جىنايى ئىشلار قانۇنىنى تۈزۈش، ئەدلىيە ۋە جازا ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن. ھەم تېررورىزم جىنايىتى قانۇن بويىچە جازالىنىپ، زوراۋان، ئەسەبىي تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى ۋە ئۇلار يېتىم قالدۇرۇلدى، ھەم زوراۋانلىق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، ئازدۇرۇلغانلار ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىلمىشى يېنىكلەرگە قانۇن بويىچە ياردەم بېرىلدى، تەربىيە قىلىندى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

  تۆتىنچى، مۇقىملىق، خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىياتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. تېررورىزمغا ۋەھىمە، داۋالغۇش، نامراتلىق ۋە ئۆلۈم ئەگەشكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ قارا كۆلەڭگىسىدە مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ بولۇشى قىيىن، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈشتە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، ‹‹ھەم تەرەققىيات مەسىلىسىگە، ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىياتنى بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسى، بىخەتەرلىكنى تەرەققىياتنىڭ شەرتى قىلىش›› تەكىتلەنگەن، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشتە ھەم مۇقىملىق بىلەن بىخەتەرلىك تەكىتلەنگەن، ھەم تەرەققىيات بىلەن گۈللىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنلىرى دۆلەتنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ماسلاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىنى قاندۇردى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدىدى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇلار جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلغان ياخشى قانۇنلار، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

  قانۇن دەۋرگە ماسلاشقاندىلا، جەمئىيەتنى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە ماسلاشقاندىلا، ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، تېررورىزم يەنىلا تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپى، بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىمۇ دۇنيا ئەھۋالى، ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشى كېرەك.

  (ئاپتور: غەربىي جەنۇب سىياسىي – قانۇن داشۆسىنىڭ لېكتورى)

  (‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى سانىنىڭ 11 – بېتىگە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ