ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لېي يەنخۇا، ساۋ خۇي خەۋىرى، فوتوسى: ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى نوچىسۇڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۈلنىساخان ئابدۇكېرەم 10-ئاينىڭ 15-كۈنى خالتىلارغا قاچىلانغان پاختىغا قاراپ، ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە شۇنچە كۆپ ياخشى كادىرلارنى ئەۋەتكىنىگە كۆپ رەھمەت، ئەسلىدە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يىغىدىغان پاختىلارنى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يىغىپ بولىدىغان بولدۇم، يەنە بالدۇرراق سىرتقا چىقىپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇم!
10-ئايدىكى ئالتۇن كۈز ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان پاختا تېرىش پەسلى. ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىش جەريانىدا گۈلنىساخان ئابدۇكېرەمنىڭ ئائىلىسىدە پەقەت بىرلا ئەمگەك كۈچى بولۇپ، ئۈچ بالىنىڭ ئوقۇشى ۋە ئۆي چىقىملىرىنىڭ 30 مو كېۋەزلىكتىن كېلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ قوشنىلىرى كۈزلۈك ھوسۇل ئۈچۈن جىددىي ھەم ئالدىراش ئىشلەشكە كىرىشكەن مەزگىلدە گۈلنىساخان ئابدۇكېرەم پاختا تەرگۈچىلەرنى تاپالماي، پاختا يىغىشنى باشلىمىغان ئىدى. بۇنى بىلگەن خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى ھەمدە گۈلنىساخان ئابدۇكېرەمنىڭ پاختىلىرىنى يىغىشىپ بەردى.