تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا ناھىيەسىدە 550 مىڭ مو يەردىكى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان پاختا يىغىلىشقا باشلىدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەي شۇ خەۋىرى، فوتوسى: ئالتۇن كۈزدە شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. كۇچا ناھىيەسى دۆڭقوتان بازىرى كوچا توغراق كەنتىدىكى 21 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان پاختىلار 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق يىغىلىۋاتاتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغقاندىن كېيىن پاختىكارلارنىڭ مو بېشى كىرىمى تەخمىنەن 200 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە ئاشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل تەننەرخنى تېجەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھىيە بويىچە 550 مىڭ مو يەرگە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان پاختا تەرگەن، تېز يىغىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە بۇ يىل پاختا تېرىش ماشىنىسىدىن 120 نەچچىنى ئىشقا سېلىپ، پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ