تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى 2016-يىلىدىكى %21تىن بۇ يىلقى %30كە يەتكەن. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن 650ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئومۇمىي سانى 3600دىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئىزچىل پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە سىجىل ئالغا سىلجىتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، يەر ئوبوروتى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماشىنىدا پاختا يىغىشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماشىنىدا پاختا يىغىش، تېرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنىڭ ئۆسۈشى، ئۈنۈمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى پېي شىنمىن مۇنداق دېدى: ھازىر شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق كېۋەز تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %80تىن ئېشىپ كەتتى، بەزى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ %100كە يېقىنلاشتى. تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە جابدۇقلارنىڭ يېڭىلىنىشى ماشىنىدا پاختا يىغىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
    بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىلىدىغان چوڭ ناھىيە ساۋەن ناھىيەسىنىڭ كېۋەزلىكىدە، بىر خىل يېپيېڭى پاختا يىغىش ماشىنىسى كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ساۋەن ناھىيەلىك نۇڭكې جىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى خەن بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ساۋەننىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىشىنى 2.0 دەۋرىگە باشلاپ كىرىدۇ. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسىدا پاختىنىڭ چاچ، تالا قاتارلىق ئارىلاش ماددىلاردىن بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىپ، سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، پاختىكارلار مۇشۇ بىر تۈردىلا ھەر مو يەردىن 100 يۈەن ئەتراپىدا كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ، ئۈنۈم ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك.
    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شايار ناھىيەسىدە، ماشىنىدا پاختا يىغىش شۇ يەردىكى پاختىكارلار ئالقىشلايدىغان يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە ئايلاندى. شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرىدىكى داشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى شيەن يۈلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشقان يىغىش ھەر مو يەرنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىق تەننەرخىنى 600 يۈەندىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىپ، كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقۇرۇۋاتقان 10 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىكتە پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمىنى 30 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
    پېي شىنمىن مۇنداق دېدى: 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتىنى %30كە يەتكۈزۈش پىلانلانغانىدى، بۇ نىشان بۇ يىل مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارماقلىرى ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن يېڭى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە باشلاپ، 2022 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى يېزا ئىگىلىكى – يېزا مىنىستىرلىقىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىش يېڭى كىنىشكىسىدىن 400نى ئىلتىماس قىلغان، بۇ كىنىشكىلار يېقىندا ئارقا – ئارقىدىن تارقىتىلىپ، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختىنى ماشىنىدا يىغىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ