10-ئاينىڭ 9-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چۇەننەن ناھىيەسى گەنجياڭ دەرياسى مەنبەسى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا گۈيخۇا گۈلىنى يىغماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى چۇەننەن ناھىيەسى خۇشپۇراق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چۇەننەن ناھىيەسى گەنجياڭ دەرياسى مەنبەسى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنى قۇرۇپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى كۆچەت يېتىشتۈرۈش، گۈل-گىياھ تېرىش ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭدەك دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل پۇراقلىق ماتېرىيال، ئەتىر، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار شىياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادا بازار تېپىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەن يەتتى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(خۇ چېنخۇەن فوتوسى)