10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمە مەيدانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتنىڭ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2018-يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش يىغىنى . ئەقلىي ساھە دۇنيا كۆرگەزمىسى نەنجىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە «ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش . ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادىرات مېتىرغا يەتتى، 1900 دىن ئارتۇق مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن كارخانىلار قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمىدە مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ساھەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەھسۇلاتلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساشنى ئەمەلىي ئىشلىتىش تەرەپتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى تەڭ بەھرىلىنىلگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بو فوتوسى)