تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ئورۇنداش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش – دوكلات قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى:

  ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ئورۇنداش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش – دوكلات قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، تۈزىتىلىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىلىق پۇرسىتى قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇندايدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تۈزىتىشكە كۈچەپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قايتا رەتلەپ، قايتا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆلچەمگە توغرىلىنىش››، ‹‹تەلەپكە توغرىلىنىش››، ‹‹ھېسابات تىزىملىكىگە توغرىلىنىش››نى چىڭىتىپ، قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، لايىھە بويىچە جەڭ قىلىش، تۈزەتكەنلەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۈزۈل – كېسىل، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشقا كۈچەپ، دىققەتنى ئىستىل مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى چىڭىتىپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تەڭشەشنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن جەرياندا ئىز قالدۇرۇپ، تۈزىتىش ئىزلىرىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا نازارەت قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتتە كۈچەپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹تۇتقا››نى مەھكەم تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەن، شى(شەھەر)لار ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش››، ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت›› بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش بىرىنچى مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىشقا كۈچەپ، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا تۈزىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ