تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30 يىل كۈچ ئۇلاش، ‹‹چەكسىز ئورمانلىق››قا ئايلانغان چۆللۈك

  ــــ شىنجاڭ كۆكيارنىڭ ‹‹يېشىل يۈكسىلىش›› يولى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، خې جۈن، دۇ گاڭ، خې يىپىڭ

  سۈرەتتە: ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يادرولۇق رايونىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل. (9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

  دۇنيادىكى 2 – چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىدە مىليون مودىن ئاشىدىغان سۈنئىي ئورمان بەلبېغى مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

  بۇ ئورمان بەلبېغى دەل كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى. ئۇ شىنجاڭ ئاقسۇدىكى بىپايان قۇملۇق بىلەن بىپايان يېشىللىقنىڭ پاسىلىدۇر.

  1986 – يىلى، ناچار تەبىئىي شارائىتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاقسۇدا كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. 30 يىلدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىكى قۇم – بوران مەنبەسى بولغان كۆكيارنى ياپيېشىل ئورمانلىققا ئايلاندۇردى؛ ھەم بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆل – جەزىرىدە مىليون مولۇق ‹‹يېشىل دېڭىز›› بەرپا قىلدى.

   30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ‹‹مەسئۇل كىشى ئالماشسىمۇ سىياسەت ئۆزگەرمەسلىك››نىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇردى؛ ‹‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش››تەك كۆكيار روھى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ قان – قېنىغا سىڭدى؛ ‹‹ئورمان بىلەن ئورمان بېقىش››، ‹‹بىر تەرەپتىن كۆكەرتىپ، بىر تەرەپتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش››تەك كۆكەرتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇلى باشقا چۆللۈك رايونلارغا ‹‹كۆكيار ئەقىل – پاراسىتى›› ئاتا قىلدى.

   بۈيۈك ئىرادە: چۆللۈكنى بىپايان ئورمانلىققائايلاندۇرۇشقا قەسەم قىلىش

   قۇملۇق بويىدا تۇغۇلۇپ، بوستانلىقتا چوڭ بولغان 77 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئېلى سۇلايمان پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئورمانلىقتا داۋاملىق تۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئورمان بەلبېغىدا سەيلە قىلغاندا، ئارىلاپ – ئارىلاپ دەرەخلەرنى تۇتۇپ قويۇشقا ئادەتلەنگەنىدى، ئۇ: ‹‹نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، مەن كۆكياردا ئادەم ياشىيالايدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغانىدىم››، دېدى.

  كۆكيار ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن. شۇ جايدىكى ياشانغانلارنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ بۇ يەر چۆل – جەزىرە بولۇپ، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى قۇم – بوران مەنبەسى ئىكەن، ھەر يىلى چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان كۈن 100 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىكەن؛ قىش، ئەتىياز پەسلىدە بوران چىقىپ قۇملارنى كۆكياردىن ئۇچۇرۇپ، ئادەمنىڭ يۈز – كۆزىگە ئۇرۇپ، يەر – جاھاننى چاڭ – توزان قاپلايدىكەن، كۈندۈزدىمۇ چىراغ يېقىشقا توغرا كېلىدىكەن، كىشىلەر زادىلا سىرتقا چىقالمايدىكەن.

  ئېلى سۇلايمان: ‹‹ياكى چىداپ تۇرۇشۇم، ياكى كېتىشىم كېرەك ئىدى›› دېدى.

  ئەجدادلار كۈرەش قىلمىغان ئەمەس. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ‹‹يۇرت تەزكىرىسى››دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئونسۇ ۋاڭى كۆكيارغا تۇرپاندىن ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ كارىز كولىتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى باشلاپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئورمان بىنا قىلغان، ئەمما چىقىم ناھايىتى زور بولغاچقا، كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن ئىش توختىتىپ قويۇلغان؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە نۇرغۇن كارىز قېزىلغان بولسىمۇ، سۇ چىقماي، كارىز قېزىش مەغلۇپ بولغان؛ 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا ئاقسۇ شەھەر رايونىدىكى دولان ئۆستىڭىنىڭ سۈيىنى بۇ يەرگە باشلاش تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىراق ئاخىرىدا سۇ باشلاش ئورنى توغرا بولمىغانلىقتىن، قۇرۇلۇش تاشلىنىپ قالغان.

  بىراق، ئاقسۇلۇقلار بەل قويۇۋەتمىدى.

  1985 – يىلى، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيې فۇپىڭ ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆكيارنىڭ چۆللىشىپ كېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. كېيىنكى يىلى ئاقسۇدا كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلدى.

  ئەينى چاغدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئېلى سۇلايمان: كۆكياردا كۆچەت تىكىشنىڭ قۇمدا بېلىق بېقىش بىلەن نېمە پەرقى بار؟ دەپ ئويلىغان ئىدى.

  ‹‹ھەر يىلى كۆچەت تىكسەكمۇ تۇتمىدى، ئەتىيازدا تىككەن كۆچەتنى كۈزدە ئوتۇن قىلىۋاتىمىز››، ‹‹خەلقنى قاقشىتىپ، مال – مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئىش بولۇۋاتىدۇ››... نۇرغۇن پۇقرا، كادىر كۆكياردا كۆچەت تىكىشنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدى.

  ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بى كېشيەن ئادەم باشلاپ كۆپ قېتىم كۆكيارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 58 پارچە يەرنىڭ كەسمە يۈز تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى ئالغان، بۇ ئەۋرىشكىلەرنىڭ ھەممىسى قۇم تۇپراق، قۇمسىمان ئەت تۇپراق، سېغىز توپا، ئېغىر سېغىز تۇپراق، شورلۇق تۇپراق بولۇپ، شور تەركىبى ئەڭ يۇقىرى جاينىڭ شور نىسبىتى %5.58كە يەتكەن، بىراق دۆلەت بەلگىلىگەن ئورمان بىنا قىلىش ئۆلچىمىدە بۇ نىسبەت %1تىن ئېشىپ كەتسە بولمايتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆكياردا جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، بەزى يەرلەرنىڭ ئېگىز – پەسلىك پەرقى ئون نەچچە مېتىر بولۇپ، تۇپرىقى ياكى تاشتەك چىڭ، ياكى ئىنتايىن بوش ئىدى، بەزى يەرلەر شامال ئېغىزىدا بولغاچقا، بوران چىقسا، كۆچەتلەر ئۆرۈلۈپ كېتەتتى. ئەڭ يامىنى شۇكى، كۆچەتلەر ئېھتىياجلىق سۇ مەنبەسى ناھايىتى يىراقتا ئىدى.

  بەزىلەر بى كېشيەنگە نەسىھەت قىلىپ: نېمىشقا مۇشۇنچىۋالا زور خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىسىز، مۇبادا كۆچەتلەر تۇتمىسا، ئاممىنىڭ تىل – ئاھانىتىگە قالمامسىز؟ دېگەن. ئەمما ئورمانچىلىق سېپىدە ئىشلىگىنىگە 30 نەچچە يىل بولغان بۇ پېشقەدەم كەسىپ ئەھلى: مەن بۇ يەرنىڭ قاقاس تۇرۇشىنى خالىمايمەن، بۇ دۆڭلۈكنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇش، ئەۋلادلارغا گۈزەل مۇھىت قالدۇرۇش ئۈچۈن، مەن بۇ خەۋپ – خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا رازى، دېگەنىدى.

  چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ: قەدىمكى چۆللۈكتە مۆجىزە يارىتىش

  1986 – يىلى 4 – ئايدا، 250 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۆستەڭ چېپىش قوشۇنى كۆكيارغا كىردى.

  ئەينى چاغدىكى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خې جۈنيىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: گۈركىرەپ چىقىۋاتقان قۇم – بوراندا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ كالپۇكلىرى گەز باغلاپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېغىز – بۇرنى قاناپ كەتكەنىدى.

  ئىشچىلار تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئوت قالىغاندا، ھەر قېتىم بوران ئۆچۈرۈۋېتەتتى؛ مىڭ تەستە ئەتكەن تامىقىغا يەنە قۇم چۈشۈپ كېتەتتى.

  مانا مۇشۇنداق بىر توپ ئادەم سېرىق توپىلىقتا قەيسەرانە ئېلىشىپ، تۆت ئاي ۋاقىتتىلا ئۇزۇنلۇقى 16.8 كىلومېتىر كېلىدىغان، 505 كۆۋرۈك – سۈڭگۈچ، چۈشۈرگە قاتارلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ياسالغان تاش ئۆستەڭنى پۈتتۈردى.

  سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى، ئەمدىكى مەسىلە يول ياساش ئىدى. كۆچەت ۋە ئادەملەرنى كۆكيارغا ئاپىرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋۋال يول ياساشقا توغرا كېلەتتى.

  يول ياساشتا ئاۋۋال يول ئۇلىنى چىڭداش كېرەك ئىدى، كۆكياردا تۇپراقنىڭ شور تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، سۇ چېچىلسىلا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سېرىق توپا قاتلىمى پۈتۈنلەي سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىغا تايىنىپ چىڭدىلاتتى. بىراق سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى يانغاندا، پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، تىراكتورغا سۆرىتىشكە توغرا كېلەتتى.

  نەچچە مىڭ يىللىق سېرىق توپىلىقنى تۈزلەۋاتقان توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنىڭ كەينىدىن ئاق ئىزلا قالاتتى. سەككىز توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدىن يەتتىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى.

  قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم تارماق ئەترىتى كېڭەشكەندىن كېيىن، پارتلىتىش ئارقىلىق ‹‹ئۆتكەلنى بۆسۈش››نى قارار قىلدى.

  ‹‹گۈمبۈر، گۈمبۈر...›› كەينى – كەينىدىن چىققان پارتلاش ئاۋازى چۆللۈكتە ياڭرىدى. بەزى يەرلەر پارتلىتىش دورىسى بىلەن پارتلىتىلغان بولسىمۇ، تەلەڭگىچىلىك تۆشۈك ئېچىلاتتى. قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال بولمىدى.

  تېخنىكلار سۇ تارتىپ، سۇ ئېقىتىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپتى، بىر كېچە سۇ ئېقىتىلسا، سۇ يەرگە بەش سانتىمېتىر سىڭەتتى، ئاندىن يەنە داۋاملىق ئېقىتىلاتتى؛ بەزى يەرلەرگە سۇ سىڭمىسە، كىشىلەر پەقەت گۈرجەك، بازغان بىلەن ئاز – ئازدىن بوشىتاتتى، يەردە يۈكۈنۈپ جوتو بىلەن ئاز – ئازدىن كولايتتى.

  خې جۈنيىڭنىڭ ئېسىدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ، كىشىلەرنىڭ قوللىرى قاناپ، قاپىرىپ كەتكەن، ئۈستبېشى تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدى، بەزى ياشلار ئاغرىقتىن يىغلاپ كەتكەنىدى.

   يەر تۈزلەندى، ئەمما تېخى كۆچەت تىكىشكە بولمايتتى، يەنە شورنى باسۇرۇپ، تۇپراقنى ياخشىلاشقا توغرا كېلەتتى. قوماندانلىق ئىشتابى شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۇپراقنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى. ئېتىزلاردىن ياخشى توپىنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، تۇپراقنىڭ شور تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ياكى يەرنى ئۆستەڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىپ شورنى ئېقىتتى، ياكى بىۋاسىتە زەيكەش چېپىپ زەينى ئاققۇزۇپ شورنى باسۇردى، ھەتتا شال تېرىشقا بىرلەشتۈرۈپ تۇپراقنى ياخشىلاشنى سىناق قىلدى.

  ئاخىر كۆچەت تىككىلى بولىدىغان بولدى!

  مەمۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، دوختۇرلار، سېسترالار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كەلدى. ئاقسۇلۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كۆكياردا كۆچەت تىككەن ئەسلىمىسى بار. ئەر – خوتۇنلار بىرلىكتە كۆچەت تىكتى، ئاتا – بالىلار بىرلىكتە چېلەكتە سۇ توشۇدى، يېڭى ئەسكەرلەر شىنجاڭنى قۇرۇش كۆچىتى تىكتى...

  50 نەچچە ياشلىق لەي چىڭ مۇنداق دېدى: 20 ياش ۋاقتىمدىن ھازىرغىچە، ھەر يىلى كۆچەت تىكىپ كېلىۋاتىمەن، دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا، ئالدى بىلەن ئادەم بېلىگە كەلگىدەك چوڭقۇرلۇقتا ئورەك كولاپ، ئاندىن بىر قەۋەت ئوغۇت، بىر قەۋەت توپا بىلەن تىندۇرغاندا، كۆچەتلەرنى ئەي قىلغىلى بولاتتى، ھازىرمۇ كېچىلىرى ئورەك كولاپ، پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ چۈش كۆرىمەن.

  پىدائىي ئەسكەر جاۋ تۈەنۋا قىسىمنىڭ كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆيىگە قايتىپ توي قىلىش پىلانىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، لايىقىغا خەت يېزىپ، ئۇنى شەنشىدىكى يۇرتىدىن ئاقسۇغا كېلىشكە قايىل قىلىپ، كۆكياردىكى ئىش ئورنىدا ‹‹ئالاھىدە توي مۇراسىمى›› ئۆتكۈزدى، ئۇلار قول تۇتۇشۇپ كۆكياردا تۇنجى مۇھەببەت كۆچىتى تىكتى. ئون يىلدىن كېيىن، ئۇلار بالىسىنى ئېلىپ يېشىللىققا پۈركەنگەن، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان كۆكيارغا كېلىپ، ئائىلە بويىچە يەنە بىر تۈپ ‹‹ئۈمىد دەرىخى›› تىكتى.

   كۆكياردا بىر تۈپ دەرەخنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس.

  كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تۇنجى پونكىت باشلىقى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك مىڭ بىر جاپا – مۇشەققەتتە خالىس ئورەك كولاپ كۆچەت تىككەن، بىز كۆچەتلەرنى ياخشى پەرۋىش قىلمىساق، گۇناھكار بولۇپ قالمامدۇق؟ كۆچەتلەر تۇتسا، ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن. ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇدا نەچچە كۈنگىچە ئۆيىگە قايتالمايتتى، ئۇلار ھەربىر تۈپ دەرەخكە سۇ بارغىچە قاراپ تۇراتتى، بەك چارچاپ كەتكەندە دەرەخ تۈۋىدە بىردەم كۆزىنى يۇمۇۋالاتتى. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، 1987 – يىلىدىن 1989 – يىلىغىچە كۆكياردىكى كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %87.5كە يېتىپ، بەلگىلەنگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى 38 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىسىنىڭ بەزىلىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، كۆپ قىسمى ئېغىر رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھاۋا تۇتۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاغرىقتىن چىدىيالماي قالىدۇ.

  ئېلى سۇلايمان: كۆچەت تىكىلگەن ئېرىقنىڭ تۇپرىقى بوش بولغاچقا، سۇغارغاندا ئاسانلا يار ئېلىپ كېتەتتى، دېدى. بىر كۈنى كەچتە، ئېرىقنى يار ئېلىپ كەتكەندە، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن يار ئېلىپ كەتكەن يەرنى توسۇپ ياتتى، يەنە بىر خىزمەتدىشى كەتمەن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپا تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن يارنى ئېتىۋالدى.

  ئېلى سۇلايماننىڭ ئەسلىدە شەھەرگە كىرىپ تۇرۇش پۇرسىتى بار ئىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆكياردا تۇرۇپ قالدى. بوۋاي تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن چاماداندىن بىر قانچە تەقدىرنامىنى ئالدى، بۇ، ئەينى چاغدا ئورمانچىلىق تارماقلىرى بەرگەن مۇنەۋۋەر خىزمەتچى تەقدىرنامىلىرى ئىدى.

  بوۋاي مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە بۇ دەرەخلەردىن باشقا، مۇشۇ بىر قانچە تەقدىرنامىنىلا قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدۇم.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى 1986 – يىلى باشلىنىپ 2015 – يىلى ئاخىرلاشقان، ئىلگىرى – كېيىن توپتوغرا 30 يىلدا تاماملانغان، بۇ جەرياندا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەتتە قېتىم ئالماشقان، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتناشقانلار 3 مىليون 400 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، 1 مىليون 153 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىنىپ، 13 مىليون 370 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن.

  قەدىمكى چۆل – باياۋان چەكسىز ئورمانلىققا ئايلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  1996 – يىلى، كۆكيار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت بايلىقىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹يەر شارىدىكى 500 گۈزەل مۇھىت››نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  چوڭ ئۆزگىرىش: يېشىل بەلباغ دېھقان – چارۋىچىلارنى بېيىتتى

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ ۋەنگۈي مۇنداق قارىدى: چۆلدە كۆچەت تىكىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، كېيىنكى مەزگىلدىكى مۇھاپىزەت خىراجىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، مەركەزنىڭ پۇل ئاجرىتىشىنى ساقلاپ تۇرۇش ياكى يەرلىكنىڭ مالىيە مەبلىغىگىلا تايىنىش ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ئەمەس. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەلئارا كۈچنى سەپەرۋەر قىلىش، پۈتۈن خەلقنى كۆكەرتىشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھەم كۆكەرتىش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي پايدىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش ئۈچۈن كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇياش نۇرى بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىھاتە ئورمان ئارىسىغا ئالما، ياڭاق، چىلان قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي ئورماننى كىرىشتۈرۈپ تىكتۇق. ھۆكۈمەت ئالدىنقى مەزگىلدە تېرىقچىلىقنى ئېچىشقا مەبلەغ سالدى، ئاندىن ئەڭ ئېتىبارلىق سىياسەت ئارقىلىق دېھقانلارغا پەرۋىش قىلىش – مۇھاپىزەت قىلىشقا ھۆددىگە بەردى، پايدا ھۆددىگە ئالغۇچىلارغا تەۋە بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكى يېنىكلىدى، دېھقانلارمۇ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى داۋامىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  گەن يۇڭجۈن ‹‹ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش››تىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1989 – يىلى، ئۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى مورى ناھىيەسىدىن كۆكيارغا كېلىپ مېۋىلىك باغنى ھۆددىگە ئالدى، ھۆكۈمەت ئۇنى كۆچەت، يەر ۋە سۇ بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ 20 نەچچە مو مېۋىلىك بېغىدىن يىلىغا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، شەھەردىن ئۆي سېتىۋالدى، پىكاپىمۇ بار بولدى. ئون يىل ئىلگىرى گەن يۇڭجۈن باغدا يەنە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ئەتراپتىكى 100 نەچچە ئائىلىلىك باغۋەننىڭ ئۆز ھويلىلىرىدا تىجارەت قىلىشىغا باشلامچى بولدى. بۇ دېھقانلار ئارامگاھلىرى ئاقسۇ شەھەر ئاھالىلىرى دەم ئالغان ۋاقىتلىرىدا بارىدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىپ، بارغانسېرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  ‹‹ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش›› ئەندىزىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى. كۆكيارنىڭ 1 مىليون 153 مىڭ مو چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا %80ى ئىقتىسادىي ئورمان، %15ى ئىھاتە ئورمان، %5ى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرىدۇر.

  باغ – ئورمانچىلىق تەرەققىياتى يەنە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن دېھقان – چارۋىچىلارنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 2014 – يىلى، نامرات ئاھالە دىلبەر تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆكيار باشقۇرۇش رايونى گۈمبەز يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سەككىز مو ياڭاقلىق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، ياڭاق پىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مېۋىچىلىك شىركىتىدە ئىشلەپ، ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلدى. دىلبەر مۇنداق دېدى: ھازىر پۇلۇم كۆپەيدى، بالام بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى.

  ھازىر تارىم ئويمانلىقىنىڭ شېرىن – شېكەر مېۋىلىرى پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى قاپلىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2017 – يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ – ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا مۇقىملاشقان، ھوسۇلى 2 مىليون 215 مىڭ توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 13 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆكيار ئورمانلىقى بىلەن تۇتىشىدىغان ئونسۇ ناھىيەسى بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە داڭلىق چوڭ باغۋەنچىلىك ناھىيەسىگە ئايلاندى، بۇلتۇر پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە باغ – ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم %70تىن يۇقىرى بولدى. ھازىر ئاقسۇ يەنە باغ – ئورمانچىلىقتا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باغ – ئورمانچىلىق كارخانىسىدىن 140 نەچچىنى قۇرۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  يەرلىكتىكى بىر كادىر مۇنداق دېدى: ئاقسۇدا مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىش باشلانغاندا، كۆپچىلىك بۇ يەرنىڭ شىنجاڭنىڭ باغ – ئورمانچىلىقىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئاقسۇ ئالمىسى تۇرپان ئۈزۈمى، قومۇل قوغۇنىدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  زور ياخشىلىنىش: ‹‹ئاپەت مەنبەسى›› ‹‹بەخت مەنبەسى››گە ئايلاندى

  كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيىدا، بىر قىزىل رەڭلىك ھېسابات دەپتىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا 1986 – يىلىدىن بۇيانقى ھەر نۆۋەتلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى كۆكيارنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى خاتىرىلەنگەن. 30 يىلدىن بۇيان، كۆكەرتىش كۆلىمى بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن كۆكەرتىش ئۈزۈلۈپ قالمىغان.

  2015 – يىلى، كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئۇلىنىپلا، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسى، كوڭتەيلىك رايونى ‹‹ئۈچ <مىليون مو>››لۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش تۈرى كەينى – كەينىدىن باشلاندى، بۇ، كەلكۈن تۇغىنى، قاتناش يول تورى، سۇچىلىق – سۇغىرىش، قاقاس يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، باغ – ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

  ھازىر ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى 1 مىليون 263 مىڭ 300 مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ بولدى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىدىكى 1 مىليون 70 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بۇ يىل كۈزدە تاماملىنىدۇ، كوڭتەيلىك رايونى ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئەتىيازدا 60 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىندى، ئۈچ تۈر قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە 2020 – يىلى تاماملانغاندىن كېيىن، مەنپەئەتلىنىدىغان كىشى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ.

  ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدىكى باغۋەن ئوسمان ئىسمايىل چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن دەل – دەرەخ ئاز ئىدى، ھەر يىلى نەشپۈت غورىلىغان مەزگىلدە، بوران ۋە قۇم – بوران نۇرغۇن نەشپۈت غورىلىرىنى تۆكۈۋېتىپ، ھوسۇل ۋە كىرىمگە تەسىر يەتكۈزەتتى. ھازىر مۇھىت ياخشىلاندى، كىرىممۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  ئاقسۇ دەرياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان 7.6 كىلومېتىرلىق دولان دەرياسى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۆتىدۇ. 36 ياشلىق نۇرمەمەتنىڭ ئېنىق ئېسىدە قېلىشىچە، ئون يىل ئىلگىرى، ئۇلار دولان دەرياسى بويىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن، ‹‹دەريا سۈيى ھەر خىل رەڭدە بولۇپ، ناھايىتى سېسىق›› ئىكەن.

  2006 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئاقسۇ شەھىرى ئۈچ قارار دولان دەرياسى مەنزىرە قۇرۇلۇشىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ باردى، ھازىر ئالدىنقى ئىككى قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملاندى، ئۈچىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا.

  ئون نەچچە يىلدا دەريا يولى كېڭەيدى، ئېقىن سۇ باشلاندى، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى ئورمان بىلەن تولۇق قاپلاندى، ئاساسلىق باغچە، مەدەنىيەت مەيدانى ياسالدى. ياز ئاخشاملىرى كىشىلەر بەس – بەستە بۇ يەرگە كېلىپ ۋېلىسىپىت مىنىدىغان، پىيادە سەيلە قىلىدىغان بولدى.

  2016 – يىلى دولان دەرياسى بويىدا كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى ياسالدى، نۇرمەمەت باغچىنىڭ سۇغىرىش، ئوت ئوتاش ئىشلىرىنى قىلدى، كېمە ھەيدەشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى، ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دولان دەرياسى ئۆزگەرتىپ ياسالمىسا، بىزنىڭ ھازىرقى خىزمىتىمىز بولمايتتى، بەلكىم بىز يەنىلا ھاجەتخانىسى يوق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرغان بولاتتۇق.

   30 نەچچە يىل ئىلگىرى كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغان چاغدىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ ‹‹ئۈچ <مىليون مو>››لۇق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا نوقۇل ھالدىكى ئادەم كۈچىگىلا تايىنىشقا خاتىمە بېرىلىپ، ماشىنىلىشىش، پەن – تېخنىكىلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرىلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش، يەر قۇملىشىپ كېتىش ۋە شورلىشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈنەرلىك پەسەيتىلىپ، شەھەر رايونىنىڭ قۇم – بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مېتېئورولوگىيە تارمىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاقسۇدا چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان كۈن 1985 – يىلىدىكى 100 كۈنگە يېقىن بولۇشتىن ھازىرقى 29 كۈنگە ئازايغان. دۆلەت زېمىنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىمۇ %3.35تىن %6.8كە، شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %35.46كە يەتكەن. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

  ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيە بازىرى، كۇچا ناھىيە بازىرى قاتارلىق جايلارنى ئايلانغىنىمىزدا، مەركىزىي يول ئېغىزىدىن مەھەللىلەرنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە، ھەممىلا يەردە يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  شۇ يەردىكى كىشىلەر مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ قاقاسلىقتىن ئۆزگىرىپ گۈللىنىشىدىكى بەخت مەنبەسى دەل كۆكياردۇر.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ