تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇش سەۋەبى 11 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر گېن ئورۇن نۇقتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، لېكىن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، ئەرلەر ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە ياللۇغ تەرەپتە، ئاياللار ماددا ئالمىشىش تەرەپتە دىققەت قىلىشى كېرەككەن.
ئەرلەر ئاسانلا ئۆسمە كېسەللىكلىرى، ياللۇغ خاراكتېرلىك كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاياللاردىن 15~20 كىچە چوڭ بولىدىكەن، شۇڭا توسالغۇ خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئاياللاردىن كىچىك بولىدىكەن؛ ئەرلەرنىڭ سۆڭىكىمۇ ئاياللاردىن چىدامچان بولىدىكەن.
ئاياللار ئەڭ كۆپ يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلىدىكەن. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى PGC-1α بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. PGC-1α ئاياللار بەدىنىدىكى شېكەر تۈرى ۋە ياغ تورىدىكى ماددا ئالمىشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار قانچە كۈچلۈك بولسا ئادەم بەدىنىدە خورايدىغان ئىسسىقلىق شۇنچە كۆپ، سەمىرىش نىسبىتىمۇ كىچىك بولىدىكەن، قاندا شېكەر ماددىسى يۇقىرى بولۇش ۋە قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش خەۋپىنى كىچىكلىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق بەرپا قىلدىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ئەرلەردىن يۇقىرى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندە، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى قارشى تۇرغۇچى ئەرلەردىن بالدۇر خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا قارشى تۇرغۇچىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىمۇ ئەرلەردىن يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ماددا ئالمىشىش ئاياللار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن.