ۋىتامىن A مۇھىم ۋىتامىنلارنىڭ بىرى، ئادەم بەدىنى ئەسلىدىنلا ۋىتامىن Aنى بىرىكتۈرەلمەيدىغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكتىن قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن A تولۇقلىغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەككەن، ئەگەر ۋىتامىن Aنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا سۆڭەكنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، سۆڭەك سۇنۇش خەۋپى چوڭىيىپ كېتىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىمۇ كىشىلەر ۋىتامىن A تولۇقلىغاندا سۆڭەك زەخمىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان. ھايۋانات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدىنمۇ بۇ قاراشنىڭ ئاساسى بارلىقى ئىسپاتلانغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى