ئۆز خەۋىرىمىز. مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇ-لەنجوۋ-بېيجىڭ ئارىلىقىدا بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.
ھازىر بۇ لىنىيەدە تۇنجى قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، يولۇچىلار ئاقسۇدىن لەنجوۋغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى %30 لىك باھادىن باشلاپ سېتىۋالالايدىكەن، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 740 يۈەن بولىدىكەن، ئاقسۇدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ %30 لىك باھادىن باشلاپ سېتىۋالالايدىكەن، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 950 يۈەن بولىدىكەن، بۇ باھالار يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ۋە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.