تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

خاتىرجەملىككە، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاقىپبېك مىرزاقۇل

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ. بىراق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››نى دەستەك قىلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى، جەمئىيەت تەرتىپى تەسىرگە ئۇچرىدى. كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغاندى، بۇ كىشىلەر پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى يوقاتتى، پارتىيەگە كىرگەندىكى قەسىمىنى ئۇنتۇدى، ئۇلار پارتىيە ئىشلىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا زور بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان مەنبە بولۇپ، جەزمەن بايرىقىمىز روشەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، قەتئىي مۈجمەل بولماسلىقىمىز، قەتئىي مۇرەسسە قىلماسلىقىمىز، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەپ، پارتىيە بىلەن قەلبداش، مەقسەتداش بولىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ماركسىزمغا ئېتىقاد قىلىپ، ماركسىزمنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىشلىتىمەن؛ قەتئىي، كەسكىن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ‹‹تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك›› جاسارەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ پىرىنسىپتا دادىل چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت ئالدىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كىرىزىس ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولىمەن.

  مەن باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە سەپسەتىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، خاتىرجەملىككە، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى، ئورتاق ئورۇندىشىغا موھتاج. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىسى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قەيسەر مۇھاپىزەتچىسى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ