تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلايلى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

  ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، ئىرادىنى ساقلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك››. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى ئورۇنغا قويۇشىمىز، يېڭى كوردىناتنى توغرا تېپىشىمىز، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى.

  بىر جاينىڭ سىياسىي ئىشى ئوڭۇشلۇق، خەلقى ئىناق، تىنچ – تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا، جەزمەن ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىياسىي ئېكولوگىيە ساپ بولغاندىلا، ياخشى تىجارەت – سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى بىر يەردە بولماي، ئىللەتلەر كۆپىيىپ، بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كەڭ كادىرلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شەرقىي شىمال رايونىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات بەرپا قىلىش؛ چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. بۇ ھەم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ھەم ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

  ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم: ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئاچقۇچ ئادەمدە. ئادەم ــــ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىل، ئىجتىمائىي ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ. بۈگۈنكى كۈندە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش ياكى تەدبىر بەلگىلەشتە بولسۇن، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بولسۇن ھەممىسىدە رەھبەرلىك ئىقتىدارى، كەسپىي ساپا، ئەمەلىي تەدبىر بولۇشى زۆرۈر. يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ھەم ماھارىتى يۇقىرى بولۇشقا ئېھتىياجلىق. ئىستىل دۇرۇس بولسا كەيپىيات توغرا بولىدۇ، كەيپىيات توغرا بولسا قەلب مۇجەسسەملىنىدۇ، قەلب مۇجەسسەملەنسە ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ياخشى ئىستىل قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپلا قالماي يەنە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پۇختا ئاساس ۋە كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ. يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى، زىددىيەتنى ھەل قىلىش جاسارىتى، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  قىممەتلىكلىكى ئەمەلىي ئىشلەشتە، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. تارىختا، شەرقىي شىمال ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا تولغان زېمىن ئىدى. بۇ يەردە لېي فېڭ، گو مىڭيى، لو ياڭغا ئوخشاش مىللەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى مەيدانغا كەلگەن، بۇ يەردە داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھى، بېيداخۇاڭ روھىغا ئوخشاش مەنىۋى يۈكسەكلىك قەد كۆتۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئېتىقاد كۈچى، مېھىر – مۇھەببەتلىك قەلب، ئۆزىنى ئۇنتۇش روھى، ئىلگىرىلەش جاسارىتى، دەل مىللىي روھىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرىدۇر، شۇنداقلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىدىغان، داۋاندىن ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كەلدى، بۇنىڭدا نۇرغۇن قاتتىق ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى ‹‹ھەقىقىي ماھارەت››كە، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىمىز، باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش جاسارىتى، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش روھى بولغاندىلا تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  شەرقىي شىمال سەپىرى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن شەرقىي شىمالدىكى كەڭ كادىر ۋە ئاممىغا ئۈمىد باغلاپ: ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالدىن چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ!›› دېدى. شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق جۇڭگو ئىنقىلابى بىلەن قۇرۇلۇشىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدىن كەلگەن بولۇپ، شەرەپ بىلەن ئارزۇ گىرەلىشىپ كەتكەن. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىشنى بىر – بىرلەپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىگەندە، شەرقىي شىمال چوقۇم جاسارىتىنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، يەنە شان – شەرەپ قۇچىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ