شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: قىش پەسللىك زاپاس كۆكتات يىغىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ھۆكۈمەت زاپاس كۆكتاتلىرىنى يىغىۋاتقان سەككىزىنچى يىل بولۇپ، سەككىز يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زاپاس كۆكتات يىغىش تۈزۈمى، ئۆلچىمى، سېلىنمىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، زاپاس كۆكتاتنىڭ ساقلىنىش تۈرى بۇ يىل يەنە كۆپىيىپ، سەككىزگە يەتتى.
ھۆكۈمەت زاپاس كۆكتاتلىرى بازارغا سېلىنغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا، زاپاس كۆكتاتقا سۈپىتى ناچارلىرىمۇ ئارىلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى ھەر بىر تۈرلۈك زاپاس كۆكتاتنىڭ ساقلىنىش ئۆلچىمىگە قاتتىق بەلگىلىمە چىقاردى، كارخانىلار كۆكتاتلارنى ئۆلچەم بويىچە ساقلايدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت زاپاس كۆكتاتلىرىنى يىغىش كارخانىلىرى دەسلەپتە ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ناھىيەسى، بىڭتۇەن 12-شىسى، سانجى ئوبلاستى، بىڭتۇەن 8-شىسىدىن كۆكتات يىغىپ ساقلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە بورتالا، تارباغاتاي، خوتەن، تۇرپان شەھەرلىرىدىنمۇ يىغىدىكەن.