تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلەيلى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇپ، ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈشىمىزدە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ماس تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، يېشىل تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى تۇرغۇزدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىلمىيلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مېتودولوگىيە بولۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشى، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىشى، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلەشتە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلدى، بۇ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتا تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹رايونلارنىڭ ئىسلاھات – تەرەققىيات تەپەككۇرىنى پىلانلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك››لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ‹‹نۇقتىلىق ھالدا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، قوغداشقا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››لىكىنى تەكىتلىدى. ‹‹ئۈچ جەھەتتە كۈچەش›› ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ‹‹بەشكە پايدىلىق بولۇش›› ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىسلاھات ئىشەنچىنى قەتئىيلەشتۈرگەندە، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتقاندا، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندە يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەرقايسى تەرەپلەرگىچە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قوماندانلىق تايىقى، قاتناش چىرىغى بولۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەيدىغان، نېگىزنى كۆزلەيدىغان، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان يېتەكلەش يۆنىلىشىدۇر. پەقەت يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىنى پائال يۆلىگەندىلا، يېڭىلىق يارىتىش، قوزغىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ پەقەت زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرلەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ماس ئېچىۋېتىلگەن بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرغان ۋە ئالاقە – ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقاندىلا، ماس تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزمۇ بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئۆزگىچە بايلىقى ۋە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قوللىغاندىلا، يېشىل تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ پەقەت ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، لياۋنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق چېگرا پورتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ جامائەت ئۇل ئەسلىھەسى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرغاندىلا، خەلق ئاممىسىنى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ـــ  تارىخنىڭ بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە يۈكلىگەن باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندا، شەرقىي شىمال رايونى جەزمەن مۇھىتنى قايتا يارىتىپ، جاسارىتىنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ