ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى ۋېنۋۇ، جاۋ شىنرەن خەۋىرى، فوتوسى: 10-ئاي كىرىشى بىلەن، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تېكەس دەرياسى ھەۋزىسى كۈز تاماشاسى قىلىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. تېكەس دەرياسى ساھىلىدىكى چاتقاللار ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولۇپ، دەريا قىرغىقىدىكى يايلاق سۇلۇق يېرىدىكى ئوت-چۆپلەر ئاۋۋالقىدەكلا بولۇق ئۆسكەن ئىدى، ئورۇپ بولۇنغان ئالتۇن رەڭ بۇغدايلىق، باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەر، يايلاقلار، ئەگرى-بۈگرى دەريالار، كەڭ كەتكەن ئېتىزلار، يىراقتىكى قارلىق تاغلار گىرەلىشىپ موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى تېكەس دەرياسى ساھىلىنىڭ كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسى
مۇھەررىر :
ھەلىمە قۇربان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/10/10 11:49
شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تېكەس دەرياسى ساھىلىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان گۈزەل كۈز مەنزىرىسى. (10-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان)
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.