تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈز پەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟

  ۋۇخەن داشۆسى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى  بۆلۈمى دوختۇرى شياۋ جىنسۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن، چۈشلۈك ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا «ئۇيقۇ يېتەرلىك ئەمەس»تەك، «داۋاملىق ئۇخلىغۇسى بار»دەك بولۇش ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسى «ئۇيقۇ ھۇرۇنلۇقى غا كىرىدىكەن.

  شياۋ جىنسۇڭ دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيقۇ قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك خاتا ئىكەن. چۈشلۈك، كەچلىك ئۇيقۇ كۈندىلىك ئادەتلەنگەن ئۇخلاش ۋاقتى ئىچىدە تولۇقلىنىپ ماڭىدىكەن. شۇڭا خىزمەت قىلغۇچىلار جانلىق ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېڭىنى ئارام ئالدۇرسا بولىدىكەن. مەسىلەن، ئازراق مۈگدەش، مۇزىكا ئاڭلاش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار.

  نېرۋا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەۋسيە قىلىشىچە، كۈز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش، دالا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، كۆپرەك ئاپتاپ سىنىش كېرەككەن، بۇنداق بولغاندا ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ