كونىلاردا «10-ئايدا كاشتان يېگەنلەر قاقاقلاپ كۈلەر» دەيدىغان گەپ بار. شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە كاشتاننى كۆپ يەيدىغان مەزگىلگە يېتىپ كەلدۇق. كاشتان ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، كىشىلەرنىڭ ئۆچىرەت تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدىغان بولدۇق، مەززىلىك پۇراق دىماققا يېتىدىغان بولدى.
دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گاۋ شۈيشۈي مۇنداق دېدى: كاشتان دەرەختىن چۈشىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋە بولسىمۇ، لېكىن ياڭاق، خاسىڭ قاتارلىق مول ياغ مىقدارىغا ئىگە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، كاشتان تەركىبدە كىراخمال مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، قورساقتا تۇرىدىغان قارا ئاشلىقنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئىسسىق كاشتان مېۋىسى بىلەن ئىسسىق مىفەننى سېلىشتۇرغاندا، كاشتان تەركىبىدە سۇ مىقدارى ئاز بولغاچقا، مىفەندىن تويۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا قاندىكى شېكەرنىڭ ئۆزگىرىش ئىنكاسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، قورساقنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە توق ساقلايدۇ. كاشتان تەركىبىدە كاروتىن، ۋىتامىن B ئائىلىسىدىكى تەركىبلەر ۋە ۋىتامىن C مول، بولۇپمۇ ۋىتامىن B2 نىڭ مىقدارى ئاز دېگەندە مىفەننىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭ بولىدۇ، پىششىق كاشتان تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە كالىي ئېلېمىنتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
شىجياجۇاڭ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ۋۇ ۋېنبو مۇنداق دېدى: جۇڭيىدا كاشتان مۆتىدىل تىپقا كىرىدىغان بولۇپ، تال، ئاشقازان، بۆرەككە كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازاننى ئاسراپ، تالنى ساغلام قىلىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مۇسكۇلنى كۈچەيتىدۇ. كاشتاننىڭ يېيىش ئۇسۇلى خام، پىششىق ئىككى خىل بولۇپ، خام يېگەندە بۆرەكنى، پىششىق يېگەندە تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى