1-باسقۇچ: ئالدى بىلەن باش چوققىسىدىكى چاچلارنى ئايرىم بوغۇۋالىمىز. (ئامال بار چىڭراق بوغۇش، چېچى قويۇقلار كۆپرەك، چېچى شالاڭلار ئازراق بوغسا بولىدۇ)
2-باسقۇچ سول ياندىكى چاچتىن ئازراق ئايرىۋالىمىز.
3-باسقۇچ: ئوڭ ياننىڭ ئارقىدىكى چاچتىن ئازراق ئېلىپ ئىككى ياندىن ئايرىۋالغان چاچنى قوشۇپ بوغىمىز.
ئاندىن ئوڭ ياندىن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچتىكى جەريانلارنى تەكرارلاپ ئايرىم-ئايرىم بوغۇۋالغان چاچلارنى بىللە بوغىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا، كۆركەم چاچ بوغقۇچ بىلەن ئۈستىدىن بىر بوغساق بولىدۇ.