شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 19دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 4.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 43.24 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.27 گىرادۇس، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر. تەۋرەش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە 67 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئادەمسىز تاغلىق رايونغا تەۋە.
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېز سۈرئەتتە كۈچ تەشكىللەپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئەگەشمە ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلىرى ھەم يەرلىك تېز سۈرئەتتە كۈچ تەشكىللەپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
ھازىر، ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدا 4.2 بال يەر تەۋرىدى
مۇھەررىر :
نىجات نىياز
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2018/10/08 18:36
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.