تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ گۈزەل پەيتنى خاتىرىلەپ، ۋەتەنگە ئورتاق مەدھىيە ئوقۇش

  ــــ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاساسىي قاتلامدا قىلغان زىيارىتىدىن ئومۇمىي بايان

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەي يوۋجۈن

  ئەڭ گۈزەل پەيتنى تۇتۇپ، ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىش. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كۆپلىگەن مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىغا بېرىپ، كارخانىلارغا كىرىپ، يېزا – كەنتلەرگە بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل تىلىكى، ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، قەلىمى بىلەن خاتىرىلىدى، ئوقۇرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ ئالتۇن رەڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى نامايان قىلدى.

  ئالتۇن ئۆكتەبىردە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، مۇخبىرىمىز چېن چېن بىڭتۈەن 9 – شىسى 161 – تۈەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ۋېي دېيوۋنىڭ بايراق چىقىرىشىغا گۇۋاھ بولدى. ‹‹ھۆرمەت!›› ۋېي دېيوۋنىڭ خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ ئارغامچىنى تارتتى، ۋېي دېيوۋ ئوڭ قولى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى كۈچەپ لەپىلدەتكەندىن كېيىن، دۆلەت بايرىقىغا تەنتەنىلىك سالام بەردى. گەرچە مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ مەنزىرە ئوخشاشلا مەردانە، ھەيۋەتلىك ئىدى.

  چېن چېن مۇنداق دېدى: ۋېي دېيوۋ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاددىي – ساددا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئانا ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

  ۋېي دېيوۋنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ، چاغانتوقاي ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چېن چېن زىيارەت جەريانىدىكى بىر تەپسىلاتنى تۇيۇقسىز يادىغا ئېلىپ، ۋېي دېيوۋدىن قايتا دەلىللىمەكچى بولدى. تېلېفون ئۇلانغان چاغدا، ۋېي دېيوۋنىڭ يان تېلېفونىدىن گۈر – گۈر شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ‹‹سىز زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، مەن يەنە چېگرا چارلاشقا چىقتىم، كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، مەن چېگرا لىنىيەسىدىكى تېخى چارلاپ بولالمىغان بىر بۆلەكنى چارلاپ بولدۇم››. چېن چېن ۋېي دېيوۋنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئالدى.

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، مەن ماناس ناھىيەسى چىندىخوزا يېزىسى تۈەنجۇاڭزى كەنتىگە كەلگەندە، بۇ يەردە ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. دۆلەت بايرىمىنى شاد – خۇرام كۈتۈۋېلىش›› تېمىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىكەن. چارۋىچى قىيزات قۇماربېك بايراملىق چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ، دومبىرا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى: ‹‹مەن ئەڭ گۈزەل ناخشامنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بېغىشلايمەن؛ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى بولمايتتى، بىز چارۋىچىلارنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايتتى...››

  قىيزات چارۋىچىلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ناخشىسى ئارقىلىق ياڭراتتى. ئىلگىرى تۈەنجۇاڭزى كەنتىدىكى چارۋىچىلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆچۈپ چارۋا باقاتتى. ھازىر چارۋىچىلار ئارقا – ئارقىدىن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كىردى، ئولتۇراقلاشتۇرۇش كەنتىدە يول راۋان، توك راۋان، تور راۋان، تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش راۋان، پاسكىنا سۇنى چىقىرىش راۋان بولۇپ، مائارىپ ئەسلىھەلىرى، داۋالاش ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلايمىز!›› دېدى قىيزات.

  ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ كىشى قېپقالسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا، بىرمۇ كىشى سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ››. مەن ئاساسىي قاتلامدا زىيارەت قىلغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنىڭ گۈزەل رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  قالتىس ھېكايىلەردىكى يېڭى كەيپىيات

  ‹‹ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، ئالتاينىڭ ھاۋاسىدىن قويۇق مول ھوسۇل ھىدى كېلەتتى›› دېدى مۇخبىر جاڭ تىڭ.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇنگۇر كۆلىدە، تور – تورلاردا تۇتقان بېلىقلارغا قاراپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋاڭ سەنرۈينىڭ دىلى تولىمۇ سۆيۈندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلمۇ يەنە مول ھوسۇللۇق يىل بولدى.

  جاڭ تىڭنىڭ زىيارەت داۋامىدا ئىگىلىشىچە، بۇ بىر نەچچە يىلدا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلاردىن ئۆزگىچە نۇر تاراتقان. سوغۇق سۇ بېلىقى خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھىت ئاسرايدىغان باقمىچىلىقنى كېڭەيتىپ، بېلىقچىلىق كەسپىدە يېشىل تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولغان. بۇ يىل ئۇلۇنگۇر كۆلى بېلىقچىلىق مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن %10 – %20 ئاشقان.

  جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئاساسىي قاتلامدا ئىنتايىن ياخشى ئىزچىللىشىپتۇ، ئەمەلىيلىشىپتۇ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى كارتىنىسى.

  10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چېن چېن چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى قارادۆڭ كەنتىدىكى ‹‹باھاردىكى ئائىلە زىياپىتى›› دېھقانلار ئارامگاھىدا جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئورقىن ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدى. شۇ كۈنى ئورقىن ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ يەردە يىغىلىشقا ۋەدىلەشكەنىدى، يىغىلىشقا ئورقىن بىلەن ئۇنىڭ موڭغۇل خوتۇنى باھىرخەدىن باشقا، چوڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ـــ چۆچەك شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ ئوقۇتقۇچىسى شۈ شەنلۇڭ، كىچىك سىڭلىسىنىڭ ئېرى چۆچەك شەھىرى دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ موڭغۇل كادىرى بايىنبات قاتارلىقلارمۇ قاتناشقانىدى. چېن چېن يىغىلىش مەنزىرىسىدىن ئورقىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن تەبىئىي، ئىناقلىقىنى، ئورقىننىڭ ئېيتقىنىدەك: ‹‹بىزنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىدە ئەزەلدىن مىللەت ئايرىمايمىز، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى›› ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  چېن چېن مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىپتۇ، پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش روھى بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىپتۇ.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر لى داۋجۇڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى شوغۇز كەنتىدە مۇنداق مەنزىرىنى كۆردى. 77 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ساۋۇر نىياز ئىشىكى ئالدىغا دۆلەت بايرىقى ۋە بىر قىزىل پانۇسنى ئېسىپ قويغانىدى، ئۇ: بۇلارنى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئاستىم، دېدى.

  بۇ يىل ساۋۇر بوۋاي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى. ساۋۇر بوۋاي مۇنداق دېدى: مەن نامرات، قالاق كونا جۇڭگودا تۇغۇلغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتى تاغدەك زور! مېنىڭ ئارزۇيۇم ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇش!

  ‹‹مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى، ئۇ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، كىشىگە كۈچ بېغىشلايدۇ›› دېدى ساۋۇر بوۋاينى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، لى داۋجۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

  مۇخبىرلار كەينى – كەينىدىن قىلىنغان چوڭقۇر زىيارەتلەردىن ئاساسىي قاتلامدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى كۆردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدىكى خۇش تەبەسسۇمنى كۆردى، مۇخبىرلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىدىن ئېيتقان رەھمىتىنى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تېخىمۇ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا چىن كۆڭلىدىن بىلدۈرگەن تىلەكلىرىنى، يەنە كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى خاتىرىلىدى.

  لى داۋجۇڭ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ خۇشاللىقى ئۇلارنىڭ بىر يىللىق ياخشى ھوسۇلىدىن، يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىدىن، ئىشىكىدىن چىقسىلا ئاسفالت يوللارنىڭ بولغانلىقىدىن كەلگەن...

  جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، مۇخبىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدۇق، چۈنكى بىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلاپ، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلەپ ۋە بايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، سەمىمىي مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى نامايان قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ