تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چىن يۈرەكتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئەڭ تەسىرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك

يۆيەنيۈن


     دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ، لېكىن قايسىلا ئۇسۇل بولسۇن، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممىسىدە بىر خىل قويۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بار.
    بۇ بىر نەچچە كۈندىكى گېزىتنى ۋاراقلاپ كۆرسەك شۇنى كۆرەلەيمىزكى، بىر تۈركۈم پىدائىيلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى؛ قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوندىكى ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا، ئۆزلىرىنى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يار كەنتىدىكى بىر كەنت ئاھالىسى ئالايىتەن دۆلەت بايرىمى كۈنى يېڭى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى...
    ۋەتەنپەرۋەرلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مىننەتدارلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ۋەتەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلەندى، بۇ ھەرىكەت تېخىمۇ ئىللىق، تېخىمۇ مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا سىڭىپ تېخىمۇ ئۇلغايدى.
    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي كاپالىتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتى. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر خىل ئەڭ ئاددىي، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە ئايلاندى، بۇ بىر خىل ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇھەببەت بولۇپ، پەقەت دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت ئالاھىدە بېكىتىلگەن بۇ ۋاقىت تۈگۈنىدە تېخىمۇ كۈچەيدى.
    پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا، ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ مۇنبەت زېمىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق ئەتىمىز بىزنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزغا موھتاج. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتقاندەك: «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»، «ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، بەرپاچىسى ۋە قۇرغۇچىسى». مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان قەلب بولمىسا، نەدىمۇ دۆلەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قايناق ھېسسىيات بولسۇن، نەدىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرىدىغان قىزغىنلىق بولسۇن.
    چىن يۈرەكتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئەڭ تەسىرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك. بىز مىننەتدارلىق ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ