تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سانجى–گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە توك يەتكۈزۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ بىڭ). 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 20 لەردە، دۇنيا بويىچە توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سانجى-گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە توك يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مول ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شەرقىي جۇڭگو ئېلېكتىر تورىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى كەچتە، جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان سانجى توك ئالماشتۇرۇش ئىستانسىسىنىڭ قۇتۇپ 1 تۆۋەنكى ئۇچ توك ئالماشتۇرغۇچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان، بۇ، غەربىي قىسىم ئېنېرگىيە بازىسىدىن كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ 3000 نەچچە كىلومېتىرلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە ئارقىلىق شەرقىي جۇڭگوغا رەسمىي يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئايدا، قۇرۇلۇشنىڭ ئىككى بېشىدىكى سانجى توك ئالماشتۇرۇش ئىستانسىسى بىلەن گۇچۈەن توك ئالماشتۇرۇش ئىستانسىسى ئىككى بۆلەكتىكى ئۇچنى ئۇچقا ئۇدۇللاش سىستېمىسىنى تەڭشەشنى تەدرىجىي تاماملايدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىغىچە لىنىيەنىڭ توك بېسىمى دەرىجىسى 1100 كىلوۋولتقا ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتىنىڭ مۈلۈكدارلار تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ياۋ بىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش قىلىشتا ‹‹يۇقىرى، ئىنچىكە، توغرا، قاتتىق، سۈپەتلىك بولۇش›› ئومۇمىي تەلەپ قىلىنىپ، ئەسلىھەلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، توزاڭسىزلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇش قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى بىر قېتىمدىلا ئەلالاشتۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى بىر قېتىمدىلا زەرەتلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  سانجى-گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى(شەرقىي جۇڭغار-جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى) شىنجاڭ سانجى توك ئالماشتۇرۇش ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، ئەنخۇينىڭ گۇچۈەن توك ئالماشتۇرۇش ئىستانسىسىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ئېلېكتىر بېسىم دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3324 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدۇ. قۇرۇلۇشتا تولۇق ئېقىملىق توك يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا 66 مىليارد كىلوۋات/سائەت توك يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ