تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى شاد–خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى

قىزىل ساياھەت داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇلدى، دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، تاڭ كەندۇڭ

  ‹‹1-ئۆكتەبىر›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بايراملىق دەم ئېلىشنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى، سەيلە-ساياھەت، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، شەھەر ئەتراپى ساياھىتى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جايلاردا قىزىل ساياھەت ئەۋج ئېلىپ، ھەرقايسى قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ھەر مىللەت ئامما بەس-بەستە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كۆرگەزمىخانىسى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شانلىق تارىخنى ئەسلەپ، قىزىل گېننى تارقىتىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پىچان ناھىيەسىنىڭ قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ‹‹ئېزىتقۇ›› مەنزىرە سۇپىسى ئالدىدا، كرۇسېر ئىتتىپاقى (جۇڭگو) تەشكىللىگەن 600 نەچچە كىشىلىك چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشىغا قاتناشقان ئاپتوموبىللار بۇ يەردىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرى ۋە خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن كەلگەن ئائىلە ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارلىرى قۇملۇق پۇتبول مۇسابىقىسى، قۇملۇق راللې مۇسابىقىسى قاتارلىق ئېسىل، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئاپتوموبىل دالا پائالىيىتىنى ھېس قىلدى ھەم قۇملۇقتا ئارقان تارتىشىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، راسا خۇماردىن چىقىشتى. 10-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، قۇملۇق لاگېرىدا لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان گۈلخانغا جور بولۇپ، 10-ئايدا تۇغۇلغان ئون نەچچە ساياھەتچى تۇغۇلغان كۈن تورتى ئالدىدا ۋە شام يورۇقىدا تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەم ۋەتەنگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغۇ-دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر مىللەت ئامما بەس-بەستە قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، قىزىل گېننى قوبۇل قىلىپ، تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى.

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ساياھەتچىلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈل تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. 2013-يىلى پۈتكەن قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى كىشىلەرگە مىنا تازىلىغۇچى قەھرىمان لو گۇاڭشيې، كۈرەش قەھرىمانى، 1-دەرىجىلىك تۆھپىكار ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ جۇڭديەن قاتارلىقلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى نامايان قىلدى. كورلا شەھىرى ئاھالىسى جاۋ لىڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربانلار قان كېچىپ جەڭ قىلمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. بىز تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز، ھازىرنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جان – پىدالىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋەتەننىڭ ياخشى قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك!

  10-ئاينىڭ 3-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىدىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، نۇرغۇن ساياھەتچى داشى كەنتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ھەر بىر سۈرەتكە يازمىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن بولۇپ، داشى كەنتىنىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىرىكى نامرات كەنتتىن ھاللىق كەنتكە ئايلىنىشىدىكى تەرەققىيات مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىنغانىدى. ساياھەتچىلەر ھەر بىر سۈرەتنى كۆرۈش ۋە چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش داۋامىدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ داشى كەنتىگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. 67 ياشلىق ۋاڭ شەنرېن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتنىڭ يوللىرى توپا يول ئىكەن، ھازىر ھەممىسى ئاسفالت يول بوپتۇ؛ ئىلگىرى كەنتتە پەقەت ئاندا-ساندا بىر نەچچە تۈپ دەرەخلا بار ئىكەنتۇق، ھازىر كەنت يېشىللىشىپ خۇددى بىر چوڭ باغچىغا ئوخشاپ كېتىپتۇ؛ ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپتۇ. داشى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇكى، كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىڭتۈەن 1-شى ئارال شەھىرى 359-لۈيسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى خاتىرە سارىيى، 10-شى 185-تۈەن بەيشاخۇ مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلار ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس پىدائىيلارنى تەشكىللىدى. ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرى بولغان شىخەنزىدە، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتە ئىشلەتكەن تۇنجى ساپان ھەيكىلى ئالدىدا تۇرۇپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، ئۈستى – ئۈستىگە ياماق چۈشكەن پاختىلىق چاپان، پاختىلىق ئىشتان ۋە چىۋىقتىن توقۇلغان يۈدۈمە سېۋەت قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. تۇنجى ئايال تىراكتورچى جاڭ دىيۈەن، تۆمۈر قىزلار بەنىنىڭ بەنجاڭى جۈ چىڭرۇڭ قاتارلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى جەڭچىلەرنىڭ سۈرىتى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ مۇھىتنىڭ جاپالىقلىقىدىن قورقمايدىغان، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرىدىغان خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى نامايان قىلدى.

  ساياھەتچى جيا مېڭمېڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەندىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى جەڭچىلەر بەدەل تۆلىمىگەن بولسا، بىزنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. يېڭى دەۋردە بىز جاپادىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدىغان بۇنداق روھقا تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  ساياھەتچى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ‹‹قىزىل ساياھەت›› ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش قۇرۇق گەپ ئەمەس، بىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمەن.

  ئىگىلىشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى، سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرى ھەم كىنوخانا، تىياتىرخانا، سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق ئىستىراھەت ماكانلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ‹‹مەدەنىيەت + ساياھەت›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى مول، كۆپ خىل بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ