شۆھرەت زاكىر ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، تۈرلەر ئومۇمىي سېلىنمىسى 27 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 30–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر جېڭۋېي شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› كەسىپلەر رايونى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) 2018–يىلى يېڭىدىن كىرگۈزگەن نۇقتىلىق سانائەت ۋە ئەمەلىي گەۋدە رايونى تۈرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا مەركەزلىك ئىش باشلاندى.
جېڭۋېي شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› كەسىپلەر رايونى تۈرى مېتال يېڭى ماتېرىياللىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، شۇنداقلا كەسىپلەر يانداش تۈرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېتال يېڭى ماتېرىياللىرى تۈرىنىڭ 1–قارارىدا يىلىغا 250 مىڭ توننا ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول ئاسما ئۆتكۈزگۈچ سىمى ۋە تۆۋەن ئوكسىگېنلىق پارقىراق مىس چىۋىق، 100 مىڭ توننا سىپتا مىس سىم، 100 مىڭ توننا سىپتا كونترول سىمى، 50 مىڭ توننا يۇقىرى مولېكۇلىلىق خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرتىلگەن ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرىنىڭ 1–قارارىدا يىلىغا 10 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس، 50 مىڭ يېنىك تىپتىكى ئاپتوبۇس، 20 مىڭ ساپ توكلۇق ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىلى، شۇنداقلا 40 مىڭ يۈرۈش ئاپتوموبىل كونتروللىغۇچ، يۇقىرى بېسىملىق توك سىم دەستىسى ۋە باتارېيە PACK قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلىدۇ. بۇ تۈر جېڭۋېي گۇرۇھىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدا قىلغان مۇھىم كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇ قېتىم بەرپا قىلىنغان مېتال يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر رايونى جېڭۋېي گۇرۇھىنىڭ ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشىدۇر.
شۇ كۈنى، جېڭۋېي شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› كەسىپلەر رايونى تۈرى، ۋېيتەي كىچىك، مىكرو كەسىپلەر رايونى تۈرى، فېڭخۇا شېنجوۋ تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈرۈمچى ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 2018–يىلى يېڭىدىن كىرگۈزگەن ئالتە نۇقتىلىق سانائەت ۋە ئەمەلىي گەۋدە رايونى تۈرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى، تۈر ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 27 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.