تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن ئىبارەت ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى قەتئىي قوغدايمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جىڭ

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسى. چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى ئەكسىيەتچى، ياۋۇز، جاھىل دۈشمەن كۈچلەر ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئادالەت شەمشىرى بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ئەپت–بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىقىمىز؛ ھەققانىيەت ساداسى بىلەن ئاممىنى ئويغىتىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل–كېسىل غەرق قىلىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز كېرەك.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن، سىياسىي ئىرادەمنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىنى پاش قىلىمەن، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، سەپسەتە تارقىتىپ، بىمەنە سەپسەتە تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى تۇغدۇرۇپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەندىن يوشۇرۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، دۆلەتنىڭ مائاشىنى ئېلىپ بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى. دەل مۇشۇ مۇناپىقلارنىڭ يالغان سادىق بولۇپ، راست بۆلگۈنچىلىك قىلىشى، ساختا زەربە بېرىپ، ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئېلىشى، دىققەتنى يالغان مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشى، يالغان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راست بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىنمۇ خەتەرلىك، زەھەرخەندە، ئۇلارنىڭ خەۋپى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلىشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمەن.

  مەن يېڭى دەۋر يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىمەن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم. مەن باشتىن–ئاخىر دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى فۇنكسىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئېغىپ كېتىشنى تۈزەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ