تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەتلەر (1)

    كىشىلەر بىر جۈپ كۆزىگە تايىنىپ دۇنيانى كۆزىتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى بىلمەيدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لوندون داشۆسى شۆيۈەنى بىلەن مورفىئېلد كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: كىشىلەر كۆز تازىلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بولۇپمۇ يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان كىشىلەر توپى.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر سانى 2011-يىلىدىن بۇيان ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كور بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ ئاسان تىكەنلىك ئاميۇبالىق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، يوشۇرۇن كۆزئەينەككە پاكىز بولمىغان سۇ يېپىشىپ قالغاندىن كېيىن كۆز بىلەن ئۇچراشسا، كۆز ئاسانلا ياللۇغلىنىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشتىن ئىلگىرى قولىنى يۇيمايدىغان ۋە يوشۇرۇن كۆزئەينەك يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ تىكەنلىك ئاميۇبالىق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مۇنچىغا چۈشكەندە يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئېلىۋەتمىسىمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىكەن.

    مەزكۇر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆز ساغلاملىقى تەلەيگە باغلىق بولمايدىكەن شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئادەتلەر كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن:

  كۈندە سۇ ئۈزۈش. سۇ ئۈزۈش ئادەم بەدىنىنىڭ يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا ئىنتايىن پايدىلىق، ئەمما سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزۈش كۆزئەينىكى تاقىمىغاندا كۆز زەخمىلىنىپ قىلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاپ سۇ ئۈزگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھەرقانداق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ كۆزنى ياللۇغلاندۇرۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

  ۋاقتى ئۆتكەن كىرپىك لاكى. نۇرغۇن كىشىلەر كىرپىك لاكى ئىشلىتىدۇ، ئەمما كىرپىك لاكى ئادەتتە ئۈچ، تۆت ئايدىن كېيىن كاللەكلىشىۋالىدۇ، كىرپىك لاكى قىممەت بولغاچقا بەزىلەر يېڭىسىنى ئېلىشقا كۆزى قىيمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، كىرپىك لاكىدا باكتېرىيە بولىدىكەن، شۇڭا ۋاقتى ئۆتكەن كىرپىك لاكىنى ئىشلەتكەندە كۆز قىزىرىپ ئىششىشى، ياللۇغلىنىشى، ھەتتا ئاز كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا كۆز كور بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمەسلىك. كۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە دىيابېت، گىلاۋكوما، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ، بۇ كېسەللىكلەر كۆز ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى، ھەتتا كۆزنى كور قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بوغۇم ياللۇغىغا ئوخشاش قارىماققا كۆز بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق كېسەللىكلەرنىمۇ كۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا بوغۇم ياللۇغىمۇ كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكىنى ياخشى، كۆزىدە ئەسلىدىلا مەسىلە بارلار ياكى 70 ياشتىن ئاشقانلار ھەر 12 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، ھەر يىلى بىر قېتىم كۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  توختىماي يانفون ئويناش. تولېدو داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يانفون، كومپيۇتېر ياكى تېلېۋىزورغا توختىماي قارىغاندا كۆز زەخمىلىنىدىكەن. بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانلار قويۇپ بەرگەن كۆك نۇرنى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش ھۈجەيرىسى قوبۇل قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ كۆك نۇر زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى قوزغىتىپ، ئاخىرىدا كۆزدىكى نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئېكرانغا تىكىلىپ قاراش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، كۆز شۇنچە ئاجىزلىشىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ