تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەتلەر (2)

    كىشىلەر بىر جۈپ كۆزىگە تايىنىپ دۇنيانى كۆزىتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى بىلمەيدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لوندون داشۆسى شۆيۈەنى بىلەن مورفىئېلد كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: كىشىلەر كۆز تازىلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بولۇپمۇ يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان كىشىلەر توپى.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر سانى 2011-يىلىدىن بۇيان ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كور بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ ئاسان تىكەنلىك ئاميۇبالىق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، يوشۇرۇن كۆزئەينەككە پاكىز بولمىغان سۇ يېپىشىپ قالغاندىن كېيىن كۆز بىلەن ئۇچراشسا، كۆز ئاسانلا ياللۇغلىنىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشتىن ئىلگىرى قولىنى يۇيمايدىغان ۋە يوشۇرۇن كۆزئەينەك يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ تىكەنلىك ئاميۇبالىق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مۇنچىغا چۈشكەندە يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئېلىۋەتمىسىمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىكەن.

    مەزكۇر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆز ساغلاملىقى تەلەيگە باغلىق بولمايدىكەن شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئادەتلەر كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن:

  تاماكا چىكىش. تاماكا چىكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا تاماكا چىكىشنىڭ كۆزنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تاماكا چىكىش كۆزگە ئاق چۈشۈش ۋە ياشانغانلاردىكى كۆرۈش تور پەردە سېرىق دېغى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  قارا كۆزئەينەك تاقاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. كىشىلەر قىش پەسلى كەلدى، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى ئۇزۇن ئەمەس، سىرتقا چىققاندا قارا كۆزئەينەك تاقاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلترا بىنەپشە نۇر قىش پەسلىدىمۇ كۆزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ياز پەسلىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما %80 ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆتۈپ يەر يۈزىگە كېلەلەيدۇ، بۇ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۆزگە زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  شامالدۇرغۇچنى ئىزچىل ئېچىپ قويۇش. شامالدۇرغۇچنى بىر كېچە ئېچىپ قويغاندا كۆز غىدىقلىنىپ قۇرغاقلىشىدۇ. شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا توپا-چاڭ ۋە گۈل چېڭى قاتارلىقلار كۆزگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا كۆز تېخىمۇ غىدىقلىنىپ، بىئارام بولۇشى مۇمكىن.

  كۆز دورا سۇيۇقلۇقىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش. كۆز سۇيۇقلۇقىنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما زىيادە ئىشلەتكەندە ئەكسىچە بولىدۇ. شۇڭا كۆز دورىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىشلەتكەن تۈزۈك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ