تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

‹‹بايرام›› سىرتىدىكى مول ھوسۇل شادلىقى

  يۆ يەنيۈن

  تۇنجى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ھالبۇكى، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى ياخشى، ئەمەلىي، خاسلىققا ئىگە، سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈشتە پەقەت ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارىدىكى كۈزلۈك كۈن – تۈن تەڭلەشكەن بۇ مۇھىم پەيتنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مول ھوسۇل بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، دېھقانلارغا كۆيۈنۈشىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىگىچە ئۇزارتىپ، 365 كۈندىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە يۇغۇرۇش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مول ھوسۇلنىڭ شادلىقى مول ھوسۇل بايرىمىدىلا ئەمەس، بەلكى مول ھوسۇل بايرىمىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭى دەۋرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشتىكى تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپى، تېخىمۇ يېڭى بۇرچنىڭ بەلگىسى، يېڭى دەۋرنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە بولغان يەنە بىر قېتىملىق ھەيدەكچىلىكى. ھازىر ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دېھقانلار تەشنا بولغان ‹‹مول ھوسۇل››، جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ‹‹مول ھوسۇل›› پەقەت ‹‹ ئامبارلارنىڭ ئاشلىققا لىق تولۇشى، ئۆيلەرنىڭ يېمەكلىككە لىق تولۇشى››لا بولماستىن، يەنە ئەڭ ئەۋزەل كەسىپ قۇرۇلمىسى، تېخىمۇ يۇقىرى مەھسۇلات سۈپىتى، تېخىمۇ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ بۇ يەردە ئېيتىلغان مول ھوسۇل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كىرىمنىڭ ئېشىشى، پايدىنىڭ كۆپىيىشى، ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر زىرائەت ئوخشاپ يىغىۋېلىنمىسا، دېھقانلارغا زەربە بولىدۇ. ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ ھەميېنى تومپايسا، ھەقىقىي مول ھوسۇل ئېلىنغان بولىدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يالغۇز بىر كۈنلۈك بايرامغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، مول ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىش، شەھەر – يېزىلارنى ماسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش ھەل قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار مول ھوسۇل بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچنى مۇجەسسەملىسىلا مول ھوسۇل ئېلىشنى، كۆپ كىرىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، كەڭ دېھقانلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىيەلەيدۇ. پەقەت ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسىلا، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلسىلا، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ‹‹مول ھوسۇل››نىڭ لاياقەتلىك جاۋابىنى تاپشۇرالايدۇ.

  دېھقانلارمۇ يالغۇز مول ھوسۇل بايرىمى كۈنىلا باش رولچى بولماسلىقى، ئالاقىدار تارماقلار دېھقانلارغا دائىم زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى تېخنىكىسىنى يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ خوجايىنلىق قىياپىتىدە جەمئىيەت سەھنىسىدە دەس تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېزىلارغا مەدەت بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كەيپىياتىنى يالغۇز بۇ بىر كۈندىلا قىزىتىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەت، ئومۇمىي خەلقنى قاتناشتۇرۇپ، مىليونلىغان دېھقان ھوسۇلنى تەبرىكلەش، نەتىجىلىرىنى، مول ھوسۇلىنى نامايان قىلىش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مول ھوسۇل توغرىسىدا پاراڭلىشىش، ئومۇمىي خەلق مول ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا – سېتىق ئارقىلىق مول ھوسۇلنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۆزىگە خاس پائالىيەتلەرنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، دېھقانلارغا كۆيۈنۈشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، كۆپچىلىككە مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ، مول ھوسۇلمۇ ئوخشاشلا تەر بىلەن سۇغىرىلىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مول ھوسۇلغا ئېرىشىپ، مول ھوسۇل ئارقىلىق كۈرەشكە ئىلھام بېرىپ، ھەر بىر كۈنىمىزنى مول ھوسۇل بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ